欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某涉嫌放火案)

2021-09-25 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى
                                       ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 836-نۇمۇرلۇق

   جاۋاپكار ئېXX، ئەر، 1985-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6528011985، ئۇيغۇر، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، سىياسىي قىياپىتى ئامما، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە  تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى : كورلا شەھەر XX يولى XX-نۇمۇر XXئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس XX-نۇمۇر. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلىق، ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 16يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن ئوت قويۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى مەھكىمىمىز ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان. ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

    كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئېXXنىڭ ئوت قۇيۇش دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جاۋابكارنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىش تەرتىۋىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق. 
 قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :

   جاۋاپكار ئېXX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى » تەن تەن « يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق،  زىيانلانغۇچى نXX بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن، ئۆز-ئارا مۇھەببەتلەشكەن، 2020-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋاپكار ئېXX بىلەن زىيانلانغۇچى نXX گەپ تاكاللىشىپ قېلىپ ئايرىلىپ كەتكەن. جاۋاپكار ئېXX 2020-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆزى يالغۇز، كورلا شەھەرXX ئولتۇراق رايونىدىكى «رى رى شىيەن» تاللا دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىپ، زىيانلانغۇچى نXXدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 01:00 لەر ئەتراپىدا، زىيانلانغۇچى نXXنىڭ كورلا شەھەرXXئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپوس XX-نۇمۇرلۇق ئۆيىگە بېرىپ، ئىشىكنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، شۇ كورپۇسنىڭ ئارقىسىغا ئورنىتىلغان گاز تۇربىسىغا يامىشىپ زىيانلانغۇچى نXXنىڭ 2-قەۋەتتىكى ياتاق ئۆيىنىڭ دېرىزە تورىنى بۇزۇپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئۆيدىكى يوتقان-كۆرپىلەرنى سۆرەپ مىھمانخانا ئۆيگە ئېلىپ چىققان، ھەمدە مىھمانخانىدىكى تېلۋۇزۇرنى ئۆرىۋەتكەن ، ئۆيدە ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇم ۋە تەبئىي يېقىلغۇ گاز بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يانچۇقىدىكى «يۈشى » ماركىلىق چاقماق بىلەن يوتقانغا ئوت يېقىۋېتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، شۇ كۈنى سەھەر سائەت  01:30لەر ئەتراپىدا، كورلا شەھەرXX ئولتۇراق رايونى XX-بىنا XX-كورپۇس  XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە، ئولتۇرۇشلۇق جاڭXX ئىسنىڭ ھىدىنى پۇراپ ئۆيىدىن چىقىپ پەسكە چۈشۈپ XX-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئىچىدىن ئىس چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ 110 قوماندانلىق مەركىزى ئارقىلىق دىلو مەلۇم قىلغان.

   جاۋابكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى : يازما ئىسپاتلار، ماددى ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە يازما بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خڧاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

   يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ئېXXنىڭ قەستەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ تورالغۇسىغا ئوت قۇيۇپ، ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 114-ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئوت قۇيۇش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسگە ئاساسەن، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن : 

                             كورلا شەھەرلىك خەلق سوت  مەھكىمىسىگە  

                                       

                                     تەپتىش: يۈسۈپجان مەھەممەت

                                     2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى  

ئەسكەرتىش : 

 (1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام، 10 نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى. 

(2) جاۋاپكار ھارىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top