شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 47-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئې** ، ئەر،ئويغۇر،**ياش،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1553********652925،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ت**يېزا ئا** كەنت **- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019 – يىلى11-ئاينىڭ 5-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق اقتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئې**ىنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 11-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :
جاۋابكار ئې** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 20 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا ت** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ چىقىپ، تاكسىغا ئولتۇرۇپ تاشئېرىق يېزا قەرىز ئامانەت كوپراتىۋىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قەرىز ئامانەت كوپراتىۋىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新MG467نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق موتىسكىلىتىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ ، شىمالدىن جەنۇپ يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ تاشئېرىق يېزا ئاچىدۆڭ كەنت 3- گوروپ تەۋەسىدىكى يول بۈلۈكىگە كەلگەندە كىچىك يولدىن ئايلىنىپ چىققان تەرەكتۇر بىلەن سۇقۇلۇپ ئې** يارىلارنغان . توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ، ئې**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنى بايقاپ، ئې**نى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018)8267-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئې**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقتارىنىڭ 235مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئې**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئې**ىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۈەن ئشىتراپ قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: گۈلەم تاش
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.4› دىلونىڭ ھەق – تەلەپ قىسىمىدا كىلىشىپ تۈگەشكەن.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论