شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 73-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر،ئويغۇر،**ياش،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى X303 ********652923، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان، ك** ناھىيسىدىن ، ك**ناھىيە ب**يېزا ك** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، 2018– يىلى10 -ئاينىڭ 31-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2019-يىل10-ئاينىڭ 31-كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىغى ئۈچۈن، كېپىللىكتىن بىكار قىلىنىپ 2019-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .
جاۋاپكار ئە**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 185-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ئە** 2017- يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 23:30 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە كۇڭشىن خىش زاۋۇتىدا م** ، ئا** ، ت** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئارام ئېلىپ ، 8- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 14 ئەتراپىدا، ئىشتىن چۈشۈپ كۇچار ناھىيە بىشىباغ يېزا كۆكتىكەن كەنت 2- گوروپتىكى ئۈيىگە قايتىش ئۈچۈن كۇڭشىن خىش زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 36100新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، شەرىقتىن غەرىپكە يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ دۆلەت يۇلى 314- لىنىيە 773كىلومىتىر + 200 مىتىرلىق ئۇرۇنغا كەلگەندە، ئۈزى بىلەن ئوخشاش يۈنىلىشتە ئالدىدا كىتىپ بېرىپ سول تەرەپكە بۇرۇلغان ي** ھەيدىگەن ماشىنا بىلەن سۇقۇلۇپ، ئە**يارىلانغان . توقسۇ ناھىيلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئە**نىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ ، ئە**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىگە ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017)5399-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە : ئە**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 237 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
توقسۇ ناھىيلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 251708437- نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسىدا : ئە** تۇلۇق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ي**ىنىڭ مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق اقتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ئە**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قۇشۇمچە 12مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش: ئۆمەر ئەمەت
2020-يىلى3-ئاينىڭ 26-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.4› دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمىدا تەرەپلەر ئۆز- ئارا كىلىشىپ تۈگەشكەن.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论