شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۇلۇم ئەيىپلەش (2020)124– نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئې**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش ، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:1033 *******652925، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، رېمنۇتچى، ت**ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە ئى** بازار ئو** كەنت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن.
زىيانلانغۇچى ر** (**ئۈلۇپ كەتكەن)، ئەر، تۇجا مىللىتى، 50ياش (1969-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان)، كىملىك نۇمىرى؛ xxxx، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن: چ** شەھىرى ف**م**ئاپتۇنۇم ناھيىسى، ئۇلتۇرغى: ت** ناھىيە ئى** بازار ئى** كەنت **-گۇرۇپ، ھادىسىدە ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىت مىنگۇچى. ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمىرى 15384975135
جاۋابكار ئې**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 30-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارغا جىنايەتنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق. زىيانلانغۇچىنىڭ ۋەسىيىسىگە ھۇقۇق مەجبۇريىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە پىكرىنى ئالدۇق، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلار ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ئې** 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23 دىن 42 مىنۇت ئەتراپىدا، 新AC8J67نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ماشىنىسىنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇن: دۆلەت يولى 314-لىنىيە 777 كىلومىتىر +800 مېتىرلىق ئورۇندا شىمالدىن جەنۇپقا يۆلىنىش يول يۈرۈپ، ھادىسە يۈز بەرگەن يۇقارقى ئورۇندا ئوخشاش يۆلىنىشتە كىتىۋاتقان ر** پىراۋىلىق ھەيدىگەن 新NJ6556 نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت بىلەن سوقۇلۇپ، ر**يارلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ كەتكەن .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)2400-نۇمۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسىدا: 1. C8j67-新N نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن j6556-新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىتنىڭ سۇقۇلۇش ئورنى شەرىقتىن غەرىپكە يۇلۇنىش ئۇرۇندىكى نەق مەيدان يۇل مەركىزى سېرىق سىزىقنىڭ غەربىدىكى 2.4 مىتىرلىق ئۇرۇندا، جەنۇپتىن شىمالغا يۇلىنىش ئۇرنى نەق مەيدان j6556-新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىتنىڭ قالدۇرغان سۇرۇلۇش نۇقتىسى ئەتراپىدا؛ 2. C8j67-新N نۇمۇرلۇق ماشىنىنىڭ يۇل قاتناش ھادىسىسى يۇز بەرگەندىكى سۇرئىتى 62 كىلۇمىتىر سائەت؛ 3. j6556-新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىتنىڭ يۇل قاتناش ھادىسىسى يۇز بەرگەندىكى پەيىتلىك سۇرئىتى 23 كىلۇمىتىر سائەت؛ دەپ باھالىغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6185-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ئې**نىڭ قان تەركىبىدىن ئىسپىرىت مىقدارى بايقالمىدى دىيىلگەن.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6186-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە ر** قان تەركىبىدىن ئىسپىرىت مىقدارى بايقالمىدى دىيىلگەن.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6529251908588-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئېتىراپنامىسىدە ؛ ئې** بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسسىدە تۇلۇق مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ر**نىڭ مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ [2019] 044-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا، ئۆلگۈچى ر** تىغسىز تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە باش قىسمى يارلىنىپ، مىڭە ئېغىر زەخمىلىنىپ، باش ئىچى قاناپ، نەپەس ئايلىنىشى زەئىپلىشىپ ئۆلگەن دەپ باھالىغان
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى، ئۈن سىن بۇيۇملىرى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ جىنايەتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ئې**نىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۈلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان، ھادىسىدە تۇلۇق مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار ئې**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بىكىتىپ جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك ، جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش توغرىسىدا تەكلىبى بىرىمىز ، شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ13-كۈنى
قۇشۇمچە : 1› جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نۇمىرى 13119976497
2› ئىككى توپلام ج خ دىلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى. 3› زىيانلانغۇچى ئائىلىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى بار. ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمىرى 15384975135
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论