欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某故意伤害(致人死亡)案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى 

 

                     ش ئا شۆبە تەپتىش ج 2-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020)2-نومۇرلۇق

  جاۋاپكار ئەxx،ئەر،ئۇيغۇر،19xx-يىلى xx-ئاينڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: 652901xxxxxxxx2854ئاقسۇ شەھرىxx يېزا -xxكەنت-xxگۇرۇپ-xxنۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازلانمىغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش( جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ قارار قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان.ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

جاۋابكار ئەxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش)جىنايەت دېلوسىنى ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى   تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ج خ چىقىش (2019)845-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. ئاقسۇ شەھەرلىك  خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،باشقۇرۇش تەۋەلىگى بۇيىچە 2020-يىلى5-ئاينىڭ27-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە،دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخرلاشتۇردى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

 جاۋاپكار ئەxx2019-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى  كەچتە،ئاقسۇ شەھىرى xx يېزىسىxxكەنىت ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكىxxدۇكاندا،ئاxx(زىيانلانغۇچى) بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشقان.دۇكان ئىچىدىكى زەنجىر بىلەن باغلاقلىق پىچاقنى ئۈزۈپ ئېلىپ،ئاxx ۋە ماجرانى ئايرىپ قويماقچى بولغان يۈxxنى زەخمىلەندۈرگەن. ئاxx قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.يۈxx ئېغىر زەخمىلەنگەن.

يۇقارقى پاكىت ماددى ئىسپات،يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاش پىكرى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

  مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار ئەxx باشقىلارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىك ۋە ھاياتلىق ھوقوقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىپ، قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشنى،بىر ئادەمنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 234-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش)جىنايىتى شەكىلىنىدۇ.جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ۋە ھاياتى بېخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز. 

 

       ھۆرمەت بىلەن:

                     ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                            تەپتىش : تاشنىياز ئوسمان

                            تەپتىش : تۇرسۇن ياقۇپ

             2020-يىلى  6-ئاينىڭ 23-كۈنى

قۇشۇمچە: ① 8 نۇسخا ئەيىبنامە،ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، ئىككى  توپلام  تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى ۋە ماددى ئىسپات،قۇشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى.

② جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top