博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2020〕10号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئە*، ئەر، ئۇيغۇر،1996-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6527011996********، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر * بازىرى *كەنتى. نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى * ساقچىخانىسى. جاۋابكار ئە* قەستەن زەخمىلەندۇرۇش قىلمىشى بىلەن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بورتالا شەھەر ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالاشەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 410(2019) نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئە*نى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، جاۋابكار ئە* بۆرتالا ئارشاڭ جەنۇبىي يولى توققۇز كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىگە جايلاشقان بۆرتالا ئوبلاستلىق تېخنىكا مەكتەپنىڭ شوپۇرلۇقتىن 2-تۈرىدە ئىمتىھان بېرىش مەيدانىغا بېرىپ، ئىمتىھانغا قاتناشقان. جاۋابكار ئە* ئەڭ ئاخىرقى ماشىنىدا ئىسكىلاتقا كىرىپ-چىقىش تۈرىگە كەلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاڭ*بىلەن گەپ تالىشىپ جىدەللەشكەن. بۇ جەرياندا جاۋابكار ئە* بېشى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاڭ*نىڭ بۇرنىغا بىرنى ئۈسۈپ، يەنە دۈمبە ۋە بەل قىسمىغا مۇشتى بىلەن بىرنەچچىنى ئۇرغان، نەتىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاڭ*نىڭ بۇرنى زەخمىلەنگەن. بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش پىكىرىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جاڭXنىڭ زەخمىسىنى يىنىك 2-دەرىجە دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ئە*نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىغا ئاساسەن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : گۈلجامال نۇرتاش
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى
قوشۇمچە :
1.جاۋابكار ئە* كېپىلگە بېرىلگەن .
2. دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى، گۇۋاھچىلار تىزىملىكى، ج خ ئىككى توپلام، تەپتىش بىر توپلام، تۆت دانە سىن ماتىرىيالى بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论