欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某抢劫案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                             ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 493-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار ئە XX ئەر، ئۇيغۇر، 20 ياش، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى:  6529012000XXXXXXXX  باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى : ئاقسۇ شەھرى، نۇپۇستىكى ئادىرىسى : ئاقسۇ شەھەر XX يېزا XX كەنىت XX گۇرۇپ XX نۇمۇر . توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئاھالىلەر كومىتىتى XX رايون XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، رىمىنۇتچى، ئىلگىرى جازالانغان . 2020- يىل 4- ئاينىڭ  24- كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ جازاسى 1 يىل كىچىكتۈرۈلگەن. 2020- يىل 6- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2020- يىل 7-ئاينىڭ 9- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى (2020) 759-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ئەنۋەر تۇرغۇن -2020 يىل-3 ئاينىڭ -25 كۈنى سائەت 17لەر ئەتىراپىدا، XX يېزىسىغا جايلاشقان «XXبانكىسى » نىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسدىن پۇل ئايرىش ئۈچۈن ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ئۈيىگە كىرىپ، ئاپتوماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدا پۇل ئېلۋاتقاندا، زىيانلانغۇچى ئىXX جاۋابكار ئەXXغا ئۈزىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدا مەشخۇلات قىلالمايدىغانلقىنى، ياردەم قىلىپ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدىن 500 يۈەن پۇل ئايرىپ بىرىشنى ئېيتقاندا، ئەXX ماقۇل بولغان. ئىXX كارتىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئەXXغا دەپ بەرگەن، ئەXX 500 يۈەن پۇلنى ئىXXنىڭ كارتسىدىن ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنىسى ئارقىلىق ئايرىپ ئېلىپ، ئىXX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئاقسۇ يېزا سودا بانكسىنىڭ كارتىسى بىلەن 500 يۈەن پۇلنى ئىXXغا بېرىپ، ئىXX ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسى بار ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئەXXمۇ ئۇنىڭ ئارقسىن ئايرىلغان. 2020- يىل 4- ئاينىڭ 2- كۈنى جاۋابكار ئەXX XXيېزىسىXX بازىرىغا جايلاشقان مXXنىڭ بىرلەشمە خەۋەرلشىش تىجارەت زالىغا كىرىپ ئىXX بىلەن ئالماشتۇرۋالغان ئىXXنىڭ بانكا كارتسىدىن 1350 يۈەن پۇلنى كارتا سۈرۈتۈپ ئېلۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن . 

    جاۋابكار ئەXX  2020- يىل 4- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 14 لەر ئەتىراپىدا،XX بازىرىXXيولىغا جايلاشقان XX بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسدىن پۇل ئايرىش ئۈچۈن ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ئۈيىگە كىرىپ، ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدا ئۈزىنىڭ يېنىدىكى بانكا كارتسىنىڭ قالدۇق سوممسىنى تەكشۈرۈپ بۇلۇپ قايتىپ ماڭماقچى بۇلۇپ تۇرغاندا زىيانلانغۇچى تXX، ئەXXغا ئۆزىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدا مەشخۇلات قىلالمايدىغانلقنى، ياردەم قىلىپ ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسىدىن 200 يۈەن پۇل ئايرىپ بىرىشنى ئېيتقاندا، ئەXX ماقۇل بولغان، تXX كارتىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئەXXغا دەپ بەرگەن، ئە 200 XXيۈەن پۇلنى تXXنىڭ كارتسىدىن ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنىسى ئارقىلىق ئايرىپ ئېلىپ، تXX دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئەسلىدە بار بولغان،XX بانكسىنىڭ كارتىسى بىلەن 200 يۈەن پۇلنى تۇنياز تۇردىغا بېرىپ، تۇنياز تۇردى ئاپتۇماتىك پۇل ئايرىش ماشنسى بار ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئەنۋەر تۇرغۇنمۇ ئۇنىڭ ئارقسىدىن ئايرىلغان، شۇ كۈنى سائەت 16 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئەنۋەر تۇرغۇن XX يېزاXX كەنىتXX گۇرۇپقا جايلاشقانXX تاللا بازىرىغا كىرىپ، تXXبىلەن ئالماشتۇرۋالغان، تXXنىڭ كارتسىدىن 2300 يۈەن پۇلنى كارتا سۈرۈتۈپ ئېلۋالغاندىن كىيىن، تXXنىڭ كارتىسىنى XX يېزاXX كەنىتكە جايلاشقان ئۈستەڭڭە تاشلۋەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى. بۇ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار ئەXXغا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا، 70- ماددا، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار ئەXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top