和某某人民检察院
起 诉 书
和某某检公诉刑诉〔2020〕14号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020)14-نومۇرلۇق
جاۋابكارھە** ( بۇرۇنقى ئىسمى: ھ**)، ئەر، ئۇيغۇر، 1983–يىلى**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271983، ** مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى **- ھويلا **-نۇمۇر (بازار)، جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنمۇ مۇشۇ ئادىرىسدا ئولتۇرۇشلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان، 2019–يىلى 5–ئاينىڭ 18–كۇنى قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇش قارار قىلىنىپ، شۇكۈنى ئىجرا قىلىنغان، 2019-يىلى6-ئاينىڭ17-كۈنى خېجىڭ ناھىيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار ھ**ىڭ قىمارخانا ئېچىش دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگۈلىمىلىرىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پىكرى ئاڭلاندى، بۇ ئارلىقتا دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى، دېلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە ئىككى قېتىم قايتۇرۇلدى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىللىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئادۇۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكارمەزكۇر دىلودا ئادەتتىكى تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ھ** 2016-يىلى11-ئايدىن 2017-يىلى2-ئايغىچە ** ناھىيە ** بازار **مەيدانىنىڭ ئۇدۇل تەرپىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدىكى م**نىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئالغاندىن كىيىن، ئىجارە ئۆينىڭ ئىچىگە ئۈستەل ۋە ئورۇندۇق، قىمار ئويناشقا ئىشلىتىدىغان سايمانلارنى سېتىۋىلىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ 15 قېتىم قىمارخانا ئاچقان، ئاساسلىق«تۈيتۇڭزا»بىلەن«دىڭ دىڭ»تۈردىكى قىمار ئوينالغان بۇلۇپ، جاۋابكار ھە** قىمار سورىنىغا يىمەك-ئىچمەك، ئىچىملىك بىلەن تەمىنلىگەن، ھەم ھەر بىر قېتىملىق قىمار سورىنىدىن 400 (تۆت يۈز) يۇەندىن بولۇپ، 15قېتىملىق قىمارخانا ئېچىش جەريانىدا 6000(ئالتە مىڭ) يۈەن چوتو يىققان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپاتلار، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش -ئېنىقلاش ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ھ** پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ، كۆپ قېتىم قىمارخانا ئېچىپ، باشقىلارنى قىمار ئويناشقا تەشكىللەپ، چوتۇ پۇلى يىغىپ قانۇنسىز تاپاۋەتكە ئېرىشكەن، جاۋابكارنىڭ قىلمىشى <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ 303-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىنىڭ بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋابكار ھ**نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى2-ئاينىڭ13-كۈنى
قوشۇمچە:
1) جاۋابكار ھ** خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2) ج خ تەھقىقلەش ئارخىپى ئىككى توپلام، نۇر دىسكا بىر دانە.
3) ئەيىبنامە 8نۇسخا.
4)جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىر نۇسخا.
5) ئالماشتۇرۇش گۇۋاھنامىسى بىر نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论