欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某容留他人吸毒案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 370-نۇمۇرلۇق

    ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئە XX ، ئەر، ئۇيغۇر، 26 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529281994XXXXXXXX، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاۋات ناھىيسى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەرXX يولى XX-نۇمۇر XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ناۋاي، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن XXشەھەرلىىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

XX شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى (2020) 143-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار ئە XX نىڭ ئۆيىدە ئە XX ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئاXX ئىككسى بىر قېتىم  نەشە چەككەن ھەم باشقىلارنى زەھەر(نەشە) بىلەن تەمىنلىگەن .

 -2019يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى 23:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە XX نىڭ ئۆيىدە، جىنايەت گۇماندارى ئە XX ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئاXX ، سى XX قاتارلىق ئۈچەيلەن بىرلىكتە زەھەر (نەشە) چەككەن ھەم باشقىلارنى زەھەر(نەشە) بىلەن تەمىنلىگەن . 

    2019-يىلى 11ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا جىنايەت گۇماندارى ئە XX نىڭ ئۆيىدە، ئۆي ئىگىسى ئە XX ، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان ئاXX  ، سى XX  ، م XX  ، شى XX  قاتارلىق بەش كىشى بىللە زەھەر ( نەشە) چەككەن ھەم باشقىلارنى زەھەر(نەشە) بىلەن تەمىنلىگەن .

     ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا جاۋابكار ئە - 2019 XX يىل -11 ئايدا ئۆزىنىڭ ئاقسۇ شەھەرXX ئولتۇراق رايۇنىXXبىنا XXئىشىك XXنۇمۇرلۇق ئۇيدە باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشى ئۇچۇن ئۇچ قېتىم سۇرۇن ھازىرلاپ بەرگەن ھەم باشقىلارنى زەھەر(نەشە) بىلەن تەمىنلىگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئە XX نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، باشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئە XX نىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋابكار XX  شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر نۇسقا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top