焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕87号
犯罪嫌疑人艾某某,男,维吾尔族,1982年*月**日出生,小学文化程度,农民,身份证号:6528271982********,户籍所在地:焉耆县哈木胡提镇**团**西路**号。因涉嫌妨害公务罪于2020年3月19日被焉耆县公安局取保候审。
本案由焉耆县公安局侦查终结,以被告人艾某某涉嫌妨害公务罪,于2020年9月2日向本院移送审查起诉。本院受理后,于当日已告知被告人及其法定代理人有权委托辩护人和认罪认罚可能导致的法律后果,依法讯问了被告人,审查了全部案件材料。被告人同意本案适用普通程序审理。
经依法审查查明:
2020年5月15日20时许,被告人艾某某在焉耆县喝酒后回家时与一名出租车司机发生纠纷,后焉耆县公安局西城派出所民警出警,劝艾某某回家并将艾某某送往客运站,艾某某到客运站后拒绝返回和静县,出警民警担心艾某某出事,将其带回西城派出所,同时通知家属来接走。期间艾某某派出所内不听派出所民警劝说,不服从管理辱骂民警,23时许家属到派出所准备接艾某某回家时,艾某某对站在他身后的协警大腿内侧踢了一脚。后被现场民警制止。
认定上述事实的证据如下:
1、书证,2、现场视频资料,3、证人证言,4、被告人陈述和辩解。
上述证据收集程序合法,内容客观真实,足以认定指控事实。被告人艾某某对指控的犯罪事实和证据没有异议,并自愿认罪认罚。
本院认为,犯罪嫌疑人艾某某以暴力的方式,阻碍国家工作人员依法执行职务,其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第277条第1款之规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以涉嫌妨害公务罪追究其刑事责任。
根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条的规定,提起公诉,请依法判处。
此致
焉耆县人民法院
检察官:亚森江·伊敏
检察官助理:依拉木江·阿不力米提
(院印)
2020年9月16日
附件:
1.被告人取保候审。
2.案卷材料和证据2册.
3.《认罪认罚具结书》一份
4.《量刑建议书》一份
5.换押证一份。
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش[2020] 87-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئە****، ئەر، 1982-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيسدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6528271982********، ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە. دېھقان. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: خېجىڭ ناھىيەسى خامخۇلتا بازىرى ***-پولك **غەربى يۇلى **-نۇمۇرلۇق ئۆي.2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن ئۈچ ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋەزىپە ئۆتەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قاراشەھەر ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.
جاۋابكار ئە****نىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقوقىنى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 20 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە**** قاراشەھەر ناھىيەسى ئەندا سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە خېجىڭ ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە كەتمەكچى بولغاندا، تاكسى شوپۇرى بىلەن جىدەللىشىپ قالغان. ئارقىدىن نەق مەيدانغا چىققان ساقچىلار جاۋابكار ئە****نى ئۆيىگە قايتىپ كىتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ،ئۆيىگە قايتىپ كەتمىگەن.ساقچىلار جاۋابكار ئە****نىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىپ غەربى بازار ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كەتكەن، ھەمدە ئۆيدىكىلىرىگە ئېلىپ كىتىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان.بۇ جەرياندا جاۋابكار ئە**** غەربى بازار ساقچىخانىسىدا باشقۇرۇشقا بويسۇنماي،نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، ھەمدە ساقچىخانىدىكى ساقچىلارنى ھاقارەتلىگەن. 23 لەر ئەتراپىدا ئۆيدىكىلىرى غەربى بازار ساقچىخانىسىغا كىلىپ جاۋابكار ئە****نى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، جاۋابكار ئە**** ئارقا تەرىپىدە تۇرغان ساقچىنىڭ يوتىسىنىڭ ئىچى تەرىپىگە بىرنى تەپكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، نەق مەيدان سىن ماتىريالى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ، بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئە**** زورلۇق ئۇسۇلىدا، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بۇيىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا دەخلى قىلغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 277-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ۋەزىپە ئۆتەشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۇشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئە **** مەھكىمىمىزنىڭ بىكىتكەن جىنايەت پاكىتىغا ۋە جىنايەت نامىغا پىكرىنىڭ يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ھەمدە ئۆز قىلمىشىنى ئەينەن راستچىللىق بىلەن تاپشۇرغان بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش كېرەك. شۇڭا جاۋاپكار ئە****كە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر.
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىنخەۋىپسىزلىك ئىدارىسى
مۇۋەققەت تەپتىش:ئىلھامجان ئابلىمىت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
قوشۇمچە:(1) جاۋاپكار ئە**** تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن. (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،(3) بىر پارچە كىپىللىك خېتى،بىر پارچە جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا ئۆزگەرتىپ قاماش گۇۋاھنامىسى دىلو ئارخىپى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论