شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 359-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 30ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011989، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايونى XX كوچا XX بىنا XX كۇرپۇس XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى (2020) 721-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئېXX 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاغىينىسى يXX بىلەن بىرگە ئاقسۇ شەھەر دولان كۆۋرۈكXX يېزاXXكەنىت تەۋەلىكىدىكى XX كوچىسىXX كاۋابخانىسىدا تاماق يەپ ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن، كەچ سائەت 21:00 بىلەن كاۋابخانا ئىگىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقارغان ھەم كاۋابخانىدا ئىشلەيدىغان ئاXXنى ئۇرۇپ ئوڭ مۈرىسىنى چىشلەپ زەخىلەندۈرگەن، ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى كاۋابخانىغا كىلىپ جاۋابكار ئېXX كاۋابخانىدىن سىرىتقا چىقىرۋەتكەن. سائەت 21:30 ئەتراپىدا XX يېزاXXكەنىتنىڭ ساقچىسى سXXقا ئىگەچى ساقچىخانا نۆۋەتچى ئىشخانىسىدىن تېلفۇن كىلىپ XXكاۋابخانىسىغا جىدەل چىققانلىقىنى، جىدەلنى بىر تەرەپ قىلىشنى دېگەن. سXX ياردەمچى ساقچى يXX بىلەن مXXنى ئېلىپ نەق مەيدانغا بېرىپ، نەق مەيداندا بولغان جىدەلنى ئېنىقلاۋاتقاندا كاۋابخانىدا ئىشلەيدىغان ئاXX ساقچى سXXىڭ يېنىغا كىلىپ جاۋابكار ئېXXنىڭ ئۈزىنى ئۇرۇپ چىشلەپ زەخمىلەنندۈرگەنلىكىنى دېگەن. سXX جاۋابكار ئېXXنى ساقچىخانىغا ئېلىپ كىتىپ گەپ سوراپ ئەھۋالنى ئېنىقلىماقچى بولغاندا، جاۋابكار ئېXX ساقچى سXXنى تىللاپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ ساقچىلارنىڭ خىزمىتىگە ماشلاشمىغان، ياردەمچى ساقچى مXX جاۋابكار ئېXXنى تۇتىۋالغاندا قۇلىنى شىلتىپ مXXىڭ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرغان. سXX ياردەمچى ساقچىلارغا جاۋابكارنى تۇتۇپ كونتىرول قىلىشنى بۇيرىغان، ياردەمچى ساقچى مXX بىلەن باشقا ياردەمچى ساقچىلار جاۋابكار ئېXXنى كونتىرول قىلىش جەريانىدا جاۋابكار ئېXX ساقچىلارنىڭ كونتىرول قىلىشىغا قارشىلىق قىلىپ ياردەمچى ساقچى مXXنىڭ ئوڭ يۈزىنى چىشلەپ زەخمىلەندۈرگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئېXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 277-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق. ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئېXXنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار ئېXXنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشجىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论