欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某合同诈骗案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

ئۈ ش ت ت ج ئە چىقىش (2019) 347–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501051984. ئالى تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، **شەھىرى **ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىق شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى. نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى ** رايۇنى ** يولى **–نۇمۇر **-رايۇن **–بىنا **-كۇرپۇس **–نۇمۇر. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2018–يىلى 10–ئاينىڭ 31–كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 3–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا دېلونى ئىككى قېتىم تەھقىقىلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقىلىشىگە قايتۇردۇق، دېلونىڭ تەكشۈرۈش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئۈچ قېتىم ئۇزارتتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2017-يىلى **-ئايدىن 2018-يىلى **-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ ** رايۇنى ** يۇلىدا ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›نى ئېچىپ ئۆي مۈلۈك ۋاستىچىلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، سېتىلىدىغان ئۆي ئۇچۇرى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا قەستەن ساختا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ ياكى ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، تىجارەت دائىرىسى ۋە سودا ئادىتىگە خىلاپ ھالدا خېرىدارلار بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۆي مۈلۈك ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، بۇ كىلىشىمنى تۈزۈش ۋە ئادا قىلىش جەريانىدا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلاردىن زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن كۆپ سوممىدىكى پۇلنى ئالداپ ئېلىپ، بۇ پۇللارنى ئۆي ساتقۇچىلارغا تاپشۇرماي ۋە كىلىشىمدە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي، ئالداپ ئالغان پۇللارنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. جاۋابكار ئە**نىڭ تەكشۈرۈش ئېنىقلانغان كونكىرىت جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىچە: 

1. 2017–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** تارماق دۇكىنى›دا، باشقىلارغا سېتىۋېتىلگەن **شەھىرى **رايۇنى **يولى ** ئولتۇراق رايۇنى **–بىنا **–ئىشىك **–نۇمۇرلۇق ئۆينى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ت**كە سېتىپ بىرىمەن دەپ، ت** بىلەن ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ت**نىڭ جەمئى 250 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

2. 2018–يىلى **-ئايدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر**غا **شەھىرى **رايۇنى پويىز ئىستانسىسى **-كوچىسىغا جايلاشقان بىر ئۆينى سېتىۋېلىپ بىرىمەن دەپ، ر** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ر**نىڭ جەمئى 100 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئالداپ ئالغان پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

3. 2018–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى **يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇ**غا توردا سېتىش ئۇچۇرى چىقىرىلغان **رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر **–بىنا **–ئىشىك **–نۇمۇرلۇق ئۆينى مەن ئۆي ئىگىسى بىلەن سودىلىشىپ بولغان ئۆي دەپ يالغان ئېيتىپ، بۇ ئۆينى ئۇ**غا سېتىپ بىرىش ئۈچۈن ھاۋالە توختامى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ئۇ**نىڭ جەمئى 150 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە بۇ ئۆينى سېتىۋېلىش ئىشىنى بىجىرمەي، ئالداپ ئالغان پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

4. 2018–يىلى **-ئايلار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى **يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م**غا **شەھىرى **رايۇنى **يۇلى **–نۇمۇر ** ئولتۇراق رايۇنى **–بىنا **–كورپوس **-نۇمۇرلۇق ئۆينى ئېلىپ بېرىمەن دەپ، بۇ ئۆيگە ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىسىز ئۆز ئالدىغا باھا قويۇپ، م** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى قېتىمدا م**نىڭ جەمئى 303 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇللارنى ئۆي ئىگىسىگە بەرمەي ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

5. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ ** رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پ**غا **شەھىرى **رايونى ** رايۇنى **–بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆينى مەن ئۆي ئىگىسىدىن ئۆتكۈزىۋالغان ئۆي دەپ يالغان ئېيتىپ، بۇ ئۆينى پ**غا سېتىپ نامىنى يۆتكەپ بىرىش ئۈچۈن پ** بىلەن ئۆي-مۈلۈك ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى تۈزۈپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا پ**نىڭ جەمئى 180 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە بۇ پۇلنى ئۆي ئىگىسىگە بەرمەي ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

6. 2018–يىلى **-ئايدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى **يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م**كە **شەھىرى **رايۇنى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆينى سېتىۋېلىپ بىرىمەن دەپ، م** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئۈچ قېتىمدا م**نىڭ جەمئى 620 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

7. 2018–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ ** رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا **شەھىرى **رايۇنى **يۇلى **–نۇمۇر **ئولتۇراق رايۇنى **كۇرپۇس **-قەۋەت **–ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆينى مەن ئۆي ئىگىسىدىن ئۆتكۈزىۋالغان ئۆي دەپ يالغان ئېيتىپ، بۇ ئۆينى ئا**غا ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش ۋە ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىرىش ئۈچۈن ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ئا**نىڭ جەمئى 520 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

8. 2018–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، باشقىلارغا سېتىۋېتىلگەن **شەھىرى**رايۇنى **يولى **ئولتۇراق رايۇنى **–بىنا **–ئىشىك **–نۇمۇرلۇق ئۆينى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا سېتىپ بىرىمەن دەپ، ئا** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ئا**نىڭ جەمئى 120 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ پۇلدىن 50 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بىرىپ، قالغان پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

9. 2018–يىلى **-ئايدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى **يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئى** كە **شەھىرى **رايۇنى ** يۇلى ** قارار **–بىنا **–كۇرپۇس **-نۇمۇرلۇق ئۆينى ۋاكالىتەن سېتىپ ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىرىش ئۈچۈن ئى** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، زاكالەت پۇلى ۋە ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئۈچ قېتىمدا ئى**نىڭ جەمئى 140 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئالداپ ئالغان پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

10. 2018–يىلى **-ئايدا، جاۋابكار ئە**  **شەھىرى **رايونى ** يولى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئىگىسى بىلەن بۇ ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سودىلىشىش جەريانىدا ئۆي ئىگىسى بۇ ئۆينى ساتمايدىغان بولغانلىقىنى ئېنىق دىگەن بولسىمۇ، ئە** بۇ ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ش**قا بۇ ئۆينى سېتىۋېلىپ ئۆينىڭ نامىنى ش**نىڭ نامىغا يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ش** بىلەن ئۆي-مۈلۈك ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، ئالدىن 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئالغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنى يالغاندىن ئۆي ئىگىسىنىڭ بانكا كارتىسى دەپ تەمىنلەپ، ش**نىڭ بانكا كارتىسىدىن 150 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكىۋالغان ۋە بۇ پۇللارنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

11. 2018–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**قا **شەھىرى **رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-قۇرۇلۇش شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆينى ئېلىپ بېرىمەن دەپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ئىشىنى دىيىشمەيلا ئۆز ئالدىغا بۇ ئۆيگە باھا قويۇپ، ئا** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاپ، ئا**تىن زاكالەت پۇلى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن، ئۆي پۇلى ئۈچۈن 160 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ، بۇ پۇللارنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

12. 2018–يىلى **-ئايدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرى **رايۇنى ** يۇلى **ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **–ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەرگە بېرىلگەن ئېلىم-سېتىم قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئۆي ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر**غا بۇ ئۆينى سېتىۋېلىپ ئۆينىڭ نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ يالغان ئېيتىپ، ئۈچ قېتىمدا ر**نىڭ جەمئى 185600 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە بۇ پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

13. 2018–يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** **شەھىرىنىڭ **رايۇنى ** يۇلى ‹** ئۆي زىمىن تىجارەت چەكلىك شىركىتى ** يولى تارماق دۇكىنى›دا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئې**قا **شەھىرى **رايۇنى ** يۇلى **-نۇمۇرلۇق قورۇ **–بىنا **–كۇرپۇس **–نۇمۇرلۇق ئۆينى ئېلىپ بېرىمەن دەپ، ئې** بىلەن ئۆي ئېلىم-سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى تۈزۈپ، ئې**تىن زاكالەت پۇلى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن، ئۆي پۇلى ئۈچۈن 400 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ، بۇ پۇلدىن ئۆي ئىگىسىگە 50 مىڭ يۈەن پۇلنى بىرىپ، ئۆي ئىگىسىگە ئۆي سېتىۋالغۇچى قالغان ئۆي پۇلىنى تېخى تەييارلاپ بولالمىدى دەپ يالغان ئېيتىپ، 360 مىڭ يۈەننى ئۆزى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن.

دىمەك، جاۋابكار ئە** 13 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئى 3268600.00 يۈەن (3 مىليۇن 268 مىڭ 600 يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش(دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئىمزالىغان ھاۋالە كىلىشىمى، جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن پۇل ئالغاندا يېزىپ بەرگەن ھۆججەت، بانكا پۇل ئاغدۇرۇش ئىسپاتى، ئە**نىڭ بانكا ھېسابات خاتىرىسى قاتارلىقلار؛

2. ت** قاتارلىق 13 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ  دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. ئە** قاتارلىق 18 نەپەر گۇۋاھچىدىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ؛

4. جاۋابكار ئە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛

6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار؛

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە**نىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، ساختا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى ھەقىقى ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلار بىلەن ئۆي ئېلىم سېتىم ھاۋالە كىلىشىمى ئىمزالاش ۋە ئادا قىلىش جەريانىدا، باشقىلارنىڭ پەۋقۇلاددە زور سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 224-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، توختام ئالدامچىلىقى جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

 تەپتىش: پەرھات ئەركىن 

                           تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن

2019–يىلى 9–ئاينىڭ 18–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ئە** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.​ مەھكىمىمىزنىڭ 9 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 7 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​ جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top