شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019)510 - نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 48ياش، 1970-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011970، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى دوختۇر، پارتىيە ئەزاسى. يۇرتى: XX شەھىرى، XX شەھەرXX مەيدانى XX رايۇن XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2018– يىلى 12– ئاينىڭ 23– كۈنى XX شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى (2019)149- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى .مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئەXX 2018 - يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 20:00لەر ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، XX دەريا بۇيىدىكى XX خوگوخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NDXXXXنۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ھەيدەپ XX شەھەر XX يۇلى XX-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئالدىدىكى ماشنىنى سوقۇپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتىراپتىكى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچلار تەرپىدىن بايقالغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 191مىللىگىرام (mg/100ml191) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى، تېخنىكىلىق باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش :نXX
مۇۋەققەت تەپتىش :دXX
2019- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى
ئىزاھات :
(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كېپىلدە ؛ تىلفۇن نۇمۇرى:XXXX1389928
(1) 8 نۇسخا ئەيىنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论