乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕72号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەxx ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx-كەنت xx-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ئەxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 22:00 ئەتىراپىدا ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىك مىxx بىلەن بىرگە xx يېزا x-كەنىت بىلەن x-كەنىت پاسىلدىكى ياڭاقلىق باغدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ياڭاقلىقنىڭ قېشىدىكى تارچۇق يولغا توختىىتپ قويغان xxxx نومۇرلۇق xچاقلىق موتسىكلىتىنى پىراۋىسى يوق، مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ ئارقىسىغا مxxى مىندۈرۈپ مېڭىپ، xx يېزاxx -كەنىت xx-مەھەللىدىكى نەسىھەت پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ يەردە نۆۋەتچى تۇرۋاتقانلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى ماددى بۇيۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش دوكلاتىدا «ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 125.91 مىللىگىرام» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تولۇق تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلىكى ۋە مۇساپە، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
ئىزاھات: (1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرى:
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论