欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(艾某某危险驾驶罪一案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2021)11-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

   جاۋابكار ئە**، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، **-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:0719 **652925 ، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ** ناھىيە ** بازار ** رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.  

     بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ئە**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2021) 51-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

  جاۋابكار ئە** 2020-يىل 10-ئاينىڭ2-كۈنى سائەت 04:00 ئۆتكەن ئەتىراپىدا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار شەرقىي گۈللۈك ئولتۇراق رايونى 31-بىنا 2-كورپۇس101-نۇمۇرلۇق ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، سائەت 07:35 لەرگىچە ئۆيىدە ئارام ئالغاندىن كىيىن، سىرىتقا چىقىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن شەرقىي گۈللۈك ئولتۇراق  رايونى  ماشىنا  توختىتۇش  مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان新J3529新Nنۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك كىچىك تىپتىكى ماشىننى ھەيدەپ ئازاتلىق يولىنى بويلاپ غەرىپتىن شەرىققە  يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ تەجىرىبە ئوتتۇر مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە يول بۇيىدىكى تاشقا سۇقۇلۇپ توختىغان، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى نەق مەيدان تەكشۈرۈش جەريانىدا، ھەيدىگۈچى ئە**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىك قىلمىشنى بايقاپ نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن،داۋاملىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

 شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 5306-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاشنامىسىدە ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 136.35مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار **گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا، 67-ماددسىنىڭ3-تارمقىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 1ئاي 15 كۈنلۇك تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 3000 يۈەن شىتراف قۇيۇش جازاسى بېرىش تەكلىۋىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.              

       تەپتىش :  ئەمەر قادىر

           تەپتىش:  مارىگۈل ئەنۋەر

      2021-يىلى 1-ئاينىڭ12-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2›دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار2 تۇپلام.3›8پارچە ئەيىپلەشنامە،جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top