焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕56号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ب ب ج ئەيىبلەش[2020] 56-نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ھەنامەلۇم،ئەر،1976-يىلىXX-ئاينىڭXX-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528261976XXXXXXXX، ئۇيغۇر،ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XX يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى،پارتىيە ئەزاسى،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: قاراشەھەر ناھىيە XX يېزا XX كەنىت 4-گۇرۇپ 26-نۇمۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى:قاراشەھەر ناھىيە XX ئائىلىكلەر قۇرۇسى1-بىنا2-كۇرپۇس202-ئۆي.
جاۋابكار ھەنامەلۇم 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىككتە تۇرىۋاتىدۇ.
جاۋابكار ھەنامەلۇمنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ھەنامەلۇم 2020-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنى سائەت 22:30 ئەتراپىدا،قاراشەھەر ناھىيە XX ئولتۇراق رايون ئىچى يول بۆلىكىدە،ھەنامەلۇم ھاراق ئىچىپ C1تىپلىق پىراۋىسىنى ئېلىپ新M-KK810 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،XX ئولتۇراق رايۇنىدىكى توكسىكلىتقا سوقۇپ،بىردانە قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسىى سادىر بولغان.
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش يەكۈنىدە ھەنامەلۇمنىڭ ھەر 100مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 297 مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ھەنامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ھەنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارماقچىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شۇڭا جاۋابكار ھەنامەلۇمنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
2020 -يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى
قوشۇمچە:
(1)جاۋابكار ھەنامەلۇم ئائىلىسىدە كىپىلدە.
(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3)كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
(4) ئوپتېك دېسكا بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论