起 诉 书
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىشمەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش [2020] 21-نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار ئە نامەلۇم، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى قاراشەھەر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *******6528261972*، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، قاراشەھەر ناھىيە ** بازىرى **نىڭ ** كادىرى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: قاراشەھەر ناھىيە ** بازىرى ** بازىرى **-گۇرۇپپا. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيە ** يولى **-نۇمۇرلۇق ھويلا **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆي. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ئەنامەلۇمنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۇنى سائەت 12:17لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەنامەلۇم قاراشەھەر ناھىيە غەربىي كۆۋرۈك يول بۆلىكىدە ھاراق ئىچىپ C1 تىپلىق پىراۋىسىنى ئېلىپ***M-98 新نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ مېڭىپ دۆلەت يولى 314-لىنىيە 402 كىلومېتىر قوشۇلغان 900 مېتىر يول بۆلىكىدە قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تۇتۇلغان، ئەنامەلۇمنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدەلىيەلىك باھالاش نەتىجىسىدە ھەر100مىللىلىتىرقان تەركىۋىدە293 مىللىگىرام ئىسپىرىت ماددىسى باردەپ باھالانغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، نەق مەيدان سۈرىتى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئەنامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارماقچىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
قوشۇمچە:(1) جاۋابكار ئەنامەلۇم ئائىلىسىدە كىپىلدە. (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام. (3) كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论