شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 668-نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ھەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529011982XXXXXXXX، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئاقسۇ شەھەرXX بازار XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئـاقسـۇ شـەھـەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكـۇر دېلـونى تەھـقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2020) 1219- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 20:25لەردە، جاۋاپكار ھەXXئاقسۇ-XX يولى XXكىلومىتىرلىق يول بۆلىكىدىكى بىر ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن شۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتنى پىراۋىسىز مەس ھالەتتە ھەيدەپ، XX بازار ئىچىگە كىرىدىغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋابكار ھەسXXىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. اقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جاۋابكار ھەXXىڭ ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، جاۋابكارنىڭ قان ئەۋرىشكىنى تېخنىلىق باھالاشقا يوللىغان. نەتىنجىدە جاۋابكار ھەXXىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 244.42مىللىگىرام (mg/100ml244.42) بۇلۇپ، جاۋابكار مەس ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ھەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار ھەXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق.
تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز
مۇۋەققەت تەپتىش : دىلمۇرات ئەمەر
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىللىكتە، تىلفۇن نۇمۇرى: 1529253XXXX.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论