乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕200号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 200-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx–يىلى x–ئاينىڭ x–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292719xxx، ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا x-كەنىت x-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، پارتىيە ئەزاسى (2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29- كۈنى xx يېزىلىق پارتىكوم تەرىپىدىن پارتىيىدىن چىكىندۈرۈلگەن)، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەxxنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرى ۋە جىنايىتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلدۇق، جاۋابكار بۇ دىلونى ئاددى تەرتىپنى قوللۇنۇپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار ئە-2019 xxيىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 23:00 دىن 23:50 گىچە xx يېزا x-كەنىت كومتتىتنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىدا ئاغىنىسى ئېxx بىلەن بىرگە ئۈچ بوتۇلكا پىۋە ئىچىكەن، ئاندىن xx يېزا -xxكەنىت كومتىتىنىڭ ئالدىغا توختىتپ قويغان ئۆزىنىڭ نامىدىكى 新Nxx نومۇرلۇق بەش كىشىلىك ئائىلە ماشىنىسىغا ئاغىنىسى ئېxxنى چىقىرىپ ئۆزى ھەيدەپ (پىراۋىسى بار) بىر كىلومىتىر ئەتىراپىدا مېڭىپ xx يېزا -xكەنىت-x مەھەللە يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇيەردە چارلاۋاتقان قاتناش ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسسى بۇيۇملىرىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورنى جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى 183.67 مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبكتىپ ھەم راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ، جاۋابكار ئەxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەxxنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تولۇق تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، قاندىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى، قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن يول بۈلىكى ۋە مۇساپە، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋىپى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئىشتىراپ قۇيۇش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ئەكبەرجان ئابلەت
مۇۋەققەت تەپتىش: ياقۇپجان ئىمام
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: 159xx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى بىر پارچە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论