شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش (2019) 2701-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ھە X X ، ئەر، ئۇيغۇر، X X ياش، كىملىك نۇمۇرى: 65290119XXXXXXX ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھەر X X يېزا X X مەھەللە كەنىت X X - گۇرۇپ X X - نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019– يىلى 7– ئاينىڭ 21– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 12-كۈنى (2019) 1057- نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى سەھەر سائەت 06:00 لەردە جاۋاپكار ھە X X ھاراق ئىچكەنىدىن كىيىن X X يېزا بازىرىغا توختىتىپ قويغان 新NXXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ، ئاقسۇ شەھەر X X يېزا X X - كەنىت X X - گۇرۇپقا كەلگەندە ماشىنىنى كونتۇرۇل قىلالماي يول بويىدىكى ئورمان بەلۋىغى (لىڭدەي) كىرىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا جاۋاپكار ھە X X ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، قېنىنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 100.98 مىللىگىرام (100.98mg/100ml) بۇلۇپ، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرىنامىسى، ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ھە X X نىڭ يۇقارقى قىلىمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جازا بىرىشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار ھە X X جىنايەتنى تۇنۇپ جازا قايىل بولدى، شۇڭا جاۋابكار ھە X X نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە 1 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، جازاسىنى 3 ئاي كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە 2000 مىڭ يۈەن شتىراف قۇيۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددا، 176- ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئې X X
تەپتىش: ئا X X
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى 137XXXXXXXX
2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论