شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 1- بۆلۈم ئەيىبلەش (2020) 282-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 32 ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529271988، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئۇچتۇرپان ناھىيسى، شىنجاڭ ئۇچتۇرپان ناھىيە XXيېزىسى سىدە كەنىت XX گۇرۇپ XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020–يىلى 1–ئاينىڭ 10– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020- يىلى 7- ئاينىڭ 20-كۈنى (2020) 679-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەXX 2019- يىل 10- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 00:10 ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ نامىدىكى 新N0XXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئاقسۇ شەھەر XX يولىدا غەرىپ- شەرىق يۆلىنىشىدە مىڭىپ ئاقسۇ شەھەرXX بىكىتىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، مۇشۇ يول بۆلىكىدە پىيادىلەر يۈرۈش يولى ئاق سىزىقنىڭ ئۈستىدە شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ پىيادە يول يۈرۋاتقان مXXنى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ سول ئالدى يان تەرەپ بىلەن سوقىۋەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن پىيادە يول يۈرگۈچى مXX شەرىق تەرەپكە قارىغان ھالەتتە يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن . كەينىدىن ئالاقىدار ۋەن XX 新N3XXX نۇمۇرلۇق چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ XX يولىدا غەرىپ- شەرىق يۆلىنىشىدە مىڭىپ ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى سول تەرەپ چاقى بىلەن نەق مەيداندا ياتقان مXXنى بېسىۋەتكەن. ئالاقىدار مXX نەق مەيداندا قازا قىلغان . دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋابكار ئەXX دىلو مەلۇم قىلغان. دىلو يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋابكار ئەXX بىلەن قازا قىلغۇچى مXXنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئىقتىسادى تۆلەم مەسلىىسىدە كىلىشىم تۈزگەن ، جاۋابكار ئەXX قازا قىلغۇچى مXXنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ئەپۇسىغا ئىرىشكەن .
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يول قاتناش باشقۇرۇش ئەتىرىتى جاۋابكار ئەXX بۇ ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاقىدار ۋەن XX بۇ ھادىسىنىڭ مۇشۇمچە مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قازا قىلغۇچى مXX بۇ ھادىسىنىڭ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ئىتىراپنامە چىقىرىپ بەرگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قازا قىلغۇچى مXX توختىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 244.53 مىللىگىرام ئىكەنلىكى، جاۋابكار ئەXX، ئالاقىدار ۋەن XXنىڭ قېنى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارى يوقلىقى توغرىسىدا باھالاشنامە چىقىرىپ بەرگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدە، ئۆلگۈچى تXX قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك مىڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەن، قۇۋۇرغا سۆڭەكلىرى سۇنغان، سول تەرەپ قول بېغىش سۈڭەك ۋە سول پۇت كىچىك پاقالچەك سۆڭىكى سۇنغان، جىددى خارەكتىرلىك نەپەس ئايلىنىش ئاجىزلىشىپ قان يۇقۇتۇش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ قازا قىلغان دەپ خاتىرلەنگەن
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش -تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تۇللۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئەXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. بىكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار ئەXXكە قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئەXX ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشش تېلفۇن نۇمۇرى XXXX1529230، XXXX1599942
(2) 8 نۇسخا ئەيىپنامە، 1 نۇسخا جىنايەتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论