شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار سXX، ئەر،ئۇيغۇر،1988-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:XXXXXXXXX 6529221988 ، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ ناھىيە X يېزا X كەنتX-مەھەللەX-نومۇر،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە ،دىھقان ، 2013-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنى ئونسۇناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك3يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ كىچىكتۈرۈپ ئىجىرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان . ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكار سXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى تېزسوت قىلىش تەرتىۋىدە قاراپ چىقىشقا قوشۇلىدۇ .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار سXX 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23دىن 35مىنۇت ئەتراپىدا،ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 新NXXXXX نومۇرلۇق كىچىك ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ،ئونسۇ ناھىيە گۈلئاۋات يېزا گۈلئاۋات كەنت 4-مەھەللە يول بۆلىكىدە كىتۋاتقاندا،ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارسى گۈلئاۋات ساقچىخانا ساقچىلرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
جاۋاپكار سXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە، قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىmg/100ml202.85 ئىكەنلىگى بىكىتىلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:
جاۋاپكار سXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكار سXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.
قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكار سXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى:ئېزىزجان ئابلەت
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
قۇشۇمچە:
(1) 8 نۇسقا ئەيىبنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،1 نۇسقا تېزسوت قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىۋى ،بىرنۇسقا «جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ،1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋاپكار سXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论