阿克陶县人民检察院
起 诉 书
阿克陶县检一部刑诉〔2020〕127号
被告人阿XX,男性,19XX年XX月XX日出生,居民身份证号码654126197XXXX,维吾尔族初中文化程度,住新疆XX县XX乡XX路XX号,因涉嫌诈骗罪,被告人阿XX因合同诈骗罪2013年10月29日被昭苏县人民法院判处有期徒刑5年并处罚金1万元。被告人阿XX因诈骗罪被阿克陶县公安局于2020年1月9日刑事拘留;经阿克陶县人民检察院批准于2020年2月8日逮捕。
被告人巴XX,男性,19XX年XX月XX日出生,居民身份证号码65272219XXXX,哈萨克族,专科毕业,户籍所在地新疆维吾尔自治区博尔塔拉蒙古自治州XX县,住新疆XX县XX号XX栋XX单元XX室,无前科。被告人巴XX涉嫌诈骗罪被阿克陶县公安局于2020年3月27日刑事拘留;经阿克陶县人民检察院批准于2020年4月29日逮捕。
本案由阿克陶县公安局侦查终结,以被告人阿XX、巴XX涉嫌诈骗罪,于2020年4月7日向本院移送起诉。本院受理后告知被告人有权委托辩护人,依法讯问了被告人,审查了全部案件材料。本院认为本案证据不足退回侦查机关补充侦查,侦查机关于2020年8月5日补查重报。补充侦查完毕移送起诉。
经依法审查查明:
第一次:被告人阿XX2019年9月以卖小麦为由骗取受害人达XX的6万元。
第二次:被告人阿XX 2019年10月以卖小麦为由骗取受害人阿拉拜尔地的1万元后被告人巴XX以卖小麦皮为由骗取受害人阿XX的25700元.
第三次:被告人阿XX 2019年10月以卖小麦为由骗取受害人达XX的2万元。
第四次:被告人巴XX 2019年11月以卖汽车为由骗取受害人阿XX的3.5万元。
第五次:被告人阿XX 2019年11月以卖棉花籽皮为由骗取受害人阿XX的5000元。
第六次:被告人阿XX以卖棉花籽皮为由骗取受害人阿XX 2019年12月7日2万元、12月10日1.5万元共3.5万元。这个过程中被告人巴XX给受害人说《我是拉货司机、很快就给你送到货》等假话。
第七次:被告人阿XX洪以卖绵羊为由骗取受害人阿XX 2019年12月13日1万元、12月17日5万元共6万元。这个过程中被告人巴XX到电脑服务店去制造动物检疫合格证并把合格证图片发给受害人。
第八次:被告人阿XX以卖棉花籽皮为由骗取受害人艾XX的2019年12月7日5.52万元。
第九次:被告人阿XX以卖小麦为由2019年12月下旬骗取受害人木沙·库万的万2元。
被告人阿XX非法占用为目的、捏造事实、隐瞒真相等手段共8次骗取6名受害人的265200元,
被告人巴XX非法占用为目的、捏造事实、隐瞒真相等手段共2次骗取2名受害人的60700元,并协助被告人阿XX为顺利骗取他人的钱款提供便利。
认定上述事实的证据如下:
1.书证:2.证人证言3.被害人陈述4.被告人供述和辩解:5.勘验、检查、辨认、侦查实验等笔录
本院认为,被告人阿XX其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第264条、25条、65条之规定、构成诈骗罪。被告人巴XX其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第264条、25条之规定、构成诈骗罪,本案犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以诈骗罪追究其刑事责任。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条第二款之规定,提起公诉,请依法判处。
此致
阿克陶县人民法院
检察官:夏木西丁艾拜都拉
检察官助理:地力夏提·阿克木
2020年8月19日
附件:1.被告人现在关押与阿克陶县看守所。
2.被告人未请律师。
3. 证据目录、13份起诉书随案移送。
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئشلار ئەيىپلەش [ 2020 ] 127-نومۇرلۇق
1-جاۋاپكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كملىك گۇۋاھنامە نومۇرى: 65412679XXXX، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، دىھقان، قوشۇمىچە تىجارەتچى، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شنجاڭ XX ناھيىسى XX قىرغىز يىزىسى XX يولى XX-نومۇر، جاۋاپكار ئاXX توختام ئالىدامچىلىق قىلش جىنايى قىلمشى بىلەن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى شنجاڭ مۇڭغۇلكۈرە ناھيلىك خەلق سوت مەھكىمسى تەرىپدىن مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.
جاۋاپكار ئا XX بۇ قېتىم ئالدامچلىق جنايى قلمىشى ئۈچۈن ئاقتۇ ناھيلىك ج خ ئىدارسنىڭ توردا قوغلاپ تۇتۇش ئۇقتۇرشىغا ئاساسەن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شنجاڭ جىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرىپدىن شنجاڭ جىڭ ناھيلىك قاماقخانىغا جىنايى ئشلار بويىچە توختۇتۇلغان. 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىممىز تەرىپدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلنغان.
2- جاۋاپكار باXX، ئەر، قازاق مىللتى ، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXX652722197 ، ئوتتۇرا تېخنكوم مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، كەسپى دىھقان. قوشۇمچە تىجارەتچى، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ XX ناھيىسى XX بازىرى XX مەھەللىسى XX-نومۇر. جاۋاپكار باXX ئالدامچلىق جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرىپدىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جىنايى ئشلار بويىچە توختۇتۇلغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىممىز تەرىپدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلنغان.
ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئا XXنىڭ ئالدامچلىق قلش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى مەھكىمىمزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلشمىزگە يوللىغان. مەھكىممز دىلۇنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئچىدە جاۋاپكارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرنى ئۇقتۇردۇق. دىلۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئارقلىق دىلۇدىكى دەلل ئسپاتلار تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسنىڭ تولۇقلاپ تەھققلشىگە 2 قېتىم قايتۇرۇدۇق. ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى مەزكۈر دىلۇ ئۈستدىكى تولۇقلاپ تەھققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جاۋاپكار باXXنىڭ ئالدامچلىق جىنايى قىلمشنى قوشۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيپلىشگە قايتا يوللىغان.
تەكشۈرۈپ ئنقلشمىزچە :
بىرنجى قېتىم: جاۋاپكار ئا XX 2019-يىلى 9-ئاي ئەتىراپىدا ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا 13-كەنىت 5- مەھەللدىكى داۋۇت يۇنۇس بىلەن كۆرۈشۈپ تونۇشۇپ قالغاندىن كيىن بىر-بىرنىڭ تىلفۇن نومۇرنى ئۆز ئارا يېزىشىۋالغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارىغا تىلفۇن قىلپ « 30 توننا بۇغداينى كىلوگىرامنى 2.45 يۈەندىن ھساپلاپ كىراسى ئىچدە ئاقتۇ ناھيىسگە ئەكىلپ بېرىمەن، ئالامسەن» دىگەن زىيانلانغۇچى داۋۇت يۇنۇس ماقۇل بولۇپ زاكالەت پۈلى ئۈچۈن جاۋاپكار ئا XXىغا 50 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن، ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكەندىن كيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى داۋۇت يۇنۇسقا تىلفۇن بېرىپ « يەنە 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئۇرۇپ بەرسەڭ، 3 ماشىنا بۇغداي ئەۋەتىپ بېرىمەن» دىگەن، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى داۋۇت يۇنۇس ئۆزنىڭ تىجارەتتىكى شىرىكى مەمەت ياسىنغا بۇ ئەھۋالنى دىگەندىن كيىن مەمەت ياسىن قوشۇلۇپ 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلنى جاۋاپكار ئا XXىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار ئا XX يۇقارىقى 60 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلپ بۇ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2-قېتىم: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى جاۋاپكار ئا XX ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يىزا 10-كەنتتكى ئادىلجان ئەخەتنىڭ ئۈژمە يىزسىسى چوڭ يول بويىدىكى دۇكىنغا بۇغداي سېتىپ بېرىش جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيە ئۈژمە يىزا 2-كەنىت 4- مەھەللدە تۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇر بىلەن تونۇشۇپ قېلپ بىر-بىرنىڭ تىلفۇن نومۇرنى ئۆز ئارا يېزىشىۋالغان، ئاردىن 10 كۈنلەر ئۆتكەندىن كيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇرىغا تىلفۇن قىلپ « مەن ساڭا غولجىدىن قوناقنىڭ ھەر كىلوگىرامنى 2 يۈەندىن ئەكەلدۈرۈپ بېرىمەن، سەن زاكالەت پۇلى ئۈچۈن10مىڭ يۈەن بەر» دەپ 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ كەتكەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇرغا تىلفۇن قىلپ سەندىن ئالغان 10 مىڭ يۈەن پۇلنى قوناق ساتىدىغان بىرەيلەنگە بەردىم، شۇ كشى ساڭا قوناق ئەۋەتىپ بېرىدۇ دەپ جاۋاپكار باXXنىڭ 13150383177 دىگەن تىلفۇن نومۇرنى دەپ بەرگەن، زىيانلانغۇچى ئاللا بەردى ھوشۇر جاۋاپكار باXX بىلەن تىلفۇنىدا ئالاقىلاشقاندىن كيىن جاۋاپكار باXX زىيانلانغۇچى ئاللا بەردى ھوشۇرغا يالغاندىن «سىز قوناق سېتىۋىلش ئۈچۈن ئا XXىغا ئەۋەتىپ بەرگەن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىر بىر ماشنا قوناق بىلەن بىر ماشنا كىپەكنى ماشنىغا بېسىپ بولدۇم، بۇ ئىككى ماشنا مالنىڭ جەمئى پۇلى 95700 يۈەن بولىدۇ، سىز يەنە ماڭا 25700 يۈەن ئەۋەتىپ بېرىڭ، قالغان 60 مىڭ يۈەننى مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كيىن بەرسىڭىز بولىدۇ » دىگەندە زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇر ماقۇل بولۇپ ئۇندىدار ئارقلىق جاۋاپكار باXXگە 25700 يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەندىن كيىن زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇرغا 新E.G0220 نومۇرلۇق ماشننىڭ نومۇرى ۋە ئۆزنىڭ 15809090728 نومۇرلۇق تىلفۇننى قسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىپ يالغاندىن قوناقنى مۇشۇ ماشنىغا بېسىپ يولىغا سالدىم، بۇ قوناقنى ئېلىپ ماڭغان ماشننىڭ تاختا نومۇرى بىلەن تىلفۇن نومۇرى دەپ بەرگەن، زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇر جاۋاپكار باۋۇرجا مۇختەر ئەۋەتىپ بەرگەن تىلفۇن نومۇرىغا تىلفۇن قىلپ قوناقنى سۇيلىسە جاۋاپكار باXX يالغاندىن تىلفۇندا خەنزۇچە گەپ قىلپ «مەن قوناقنى بېسىپ ماڭغان شۇپۇر، مەن قوناقنى بېسىپ ماڭدىم» دەپ زىيانلانغۇچى ئاللا بەردى ھوشۇرنى ئالداپ قوناقنى ئەۋەتىپ بەرمەي جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئاللابەردى ھوشۇردىن ئۆزى ئالداپ ئالغان 10 مىڭ يۈەننى، جاۋاپكار باXX ئۆزى ئالداپ ئالغان 25700 يۈەننى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
3-قېتىم: جاۋاپكار ئالمجان توختاخۇن 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىلىرى ئەتىراپىدا ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا 7-كەنىت 5- مەھەللىدىكى زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارى بىلەن بوغداي ئېلىم-سېتىم جەريانىدا ئۆز ئارا تونۇشۇپ قالغان، ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارى بىلەن ئاقتۇ ناھىيە يەكشەنبە بازىرنىڭ ئۇدۇلىدىكى مىھمانخاننىڭ ئالدىدا كۆرۈرۈشۈپ زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارىغا «32.5 توننا بۇغداينى كىراسى بىلەن قوشۇپ ھەر كىلوگىرامنى 2.45 يۈەندىن ئاقتۇ ناھيىسگە ئەكىلپ بېرىمەن» دەپ زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارىدىن زاكالەت پۇلى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلپ كەتكەن، زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارى جاۋاپكار ئا XXغا تىلفۇن ئۇرۇپ بۇغداينى سۈرۈشتە قىلغانىدا جاۋاپكار ئا XX شىرىكى باXXنىڭ 15199136114 دىگەن تىلفۇن نومۇرنى دەپ بېرىپ «مۇشۇ شوپۇرنىڭ ماشنسىغا بۇغداينى بېسىپ ئىۋەتتىم» دەپ قويغان، جاۋاپكار باXX جاۋاپكار ئا XX بىلەن دىيشۋالغىنى بويىچە زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارىغا تىلفۇنىدا «مەن بۇغداينى بېسىپ ماڭغان شۇپۇر، ھازىر بۇغداينى ماشنامىغا بېسىپ كورلىغا كەلدىم، ئاقسۇغا كەلدىم، قەشقەرگە كەلدىم» دەپ قويۇپ زىيانلانغۇچى داۋۇتجان قارىنى ئالداپ تىلفۇننى ئېتىۋالغان، جاۋاپكار ئالمجان توختاخۇن بۇ 20 مىڭ يۈەننى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
4-قېتىم: جاۋاپكار ئا XX 2019-يىلى 11-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاقتۇ ناھىيسىگە بۇغداي ئەكىلپ سېتىش جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا 5-كەنىت 6- مەھللىدە تۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزنىڭ بۇغداي، قوناق، كۈنجۈر، كىپەك، قوي سودىسى قىلىدىغانلقنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى ئا XXدىن كۈنجۈر كىپەك سېتىۋالماقچى بولۇپ ئۆز ئارا بىر-بىرنىڭ تىلفۇن نومۇرنى يېزىشلىۋالغان، ئارىدىن 3-4 كۈن ۋاقىت ئۆتكەندىن كيىن زىيانلانغۇچى ئابلەت بەكىرى جاۋاپكار ئا XXىغا تىلفۇن بېرىپ كۆرۈشۈشنى دىگەندە جاۋاپكار ئا XX ئۆزنىڭ ئاقتۇ ناھىيە يەكشەنبە بازارنىڭ ئۇدۇلدىكى مىھمانخانىدا ئىكەنلكنى، بۇ يەرگە كېلشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى بۇ مىھمانخانىغا كېىلپ جاۋاپكار ئا XX ۋە جاۋاپكار باXXلەر بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشش جەريانىدا زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى ئۆزنىڭ بىر دانە ئېگىز كوزۇپلۇق يۈك ماشنىسى سېتۋىلش خيالنىڭ بارلقنى دىگەندە، جاۋاپكار باXX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرگە « منىڭ ماشىنا ئېلپ ساتىدىغان بىر تونۇشۇم بار ، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشپ باقاي» دەپ جىڭ ناھىيە داخيەنزى بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئەركىن ئابىلا بىلەن ئۇنىدىداردا پاراڭلىشىپ بىر قىزىل رەڭلىك ئېگىز كوزۇپلۇق ماشننى 35 مىڭ يۈەنگە سودىلشىپ، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە بۇ ماشننى ئەركىن ئابلادىن 35 مىڭ يۈەنىگە ئېلىپ بېرىمەن دەپ زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىردىن 35 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ، بۇ پۇلنى جاۋاپكار باXX ئۆزى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
5 -قېتىم: 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە تىلفۇن قىلپ « مەن ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزسدىكى مەمەت ئەمەتكە پوستاق ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدۇم، سەنمۇ پوستاق ئالامسەن » دىگەندە زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكرى ماقۇل بولۇپ جاۋاپكار ئا XXدىن پوستاق سېتىۋىلش ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە تىلفۇن قىلپ « پوستاقنى ئەۋەتتىم، پوستاق ھازىر پىلال يىزا 4-كەنىت 7- مەھەللدىكى مەمەت ئەمەتنىڭ دۇكنىغا بېرىپ بولدى، سەن شۇ يەردىن مالنى تاپشۇرۇپ ئال» دىگەندىن كيىن، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى كېلپ ئىككى چوڭ تپىدىكى يوك ماشنسىغا بېسلىغان يۈكنىڭ تۇرغانلقنى، بۇ ماشندىكى يۈكنىڭ ئۇلارنىڭ دىيشكەن پوستاق ئەمەس، كىپەزنىڭ شادىسى ۋە شاكىلىنى ئېزىپ ياسىغان نەرسە ئىكەنلكنى كۆرۈپ جاۋاپكار ئا XXىغا تىلفۇن قىلپ ئەھۋالنى دىگەندە جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە « مالنى باسقان ۋاقتتا مەن يوق ئدىم، ئۇنداق بولسا ساڭا پوستاقنى كيىن ئەۋەتىپ بېرەي» دەپ ماشننى قايتۇرۇپ كېتىپ، پۇلنى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
6-قېتىم: 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى بىلەن ئۇندىداردا سۈرەتلىك پاراڭلىشپ « كۈنجىرە ئالامسەن» دىگەندە، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى ماقۇل بولۇپ كۈنجىرنىڭ ھەربىر كىلوگىرامنى 2.2 يۈەندىن بىر ماشنا كۈنجۈر ئالماقچى بولۇپ پۈتۈشۈپ، جاۋاپكار ئا XXىغا 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 20 مىڭ يۈەن ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 15 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىردىن بۇ پۇلنى ئالغاندىن كيىن ئۇنىڭغا «كۈنجۈرنى بىر خەنزۇ شۇپۇرنىڭ ماشنىسغا بېسىپ يولىغا سالدىم، بۇ كۈنجۈرنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ شۇپۇرنىڭ تىلفۇن نومۇرى» دەپ يالغاندىن جاۋاپكار باXXنىڭ 15199136114 دىگەن تىلفۇن نومۇرنى دەپ بەرگەن، جاۋاپكار باXX جاۋاپكار ئا XX بىلەن دىيشۋالغىنى بويچىە زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە تىلفۇنىدا خەنزۇ تىلىدا يالغاندىن « مەن كۈنجۈرنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە كەلدىم، كورلىغا كەلدىم، ئاقسۇغا كەلدىم، قەشقەرگە كەلدىم، دەپ قويۇپ تىلفۇننى ئېتۋالغان. جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرنىڭ 35 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ كۈنجۈرنى ئەۋەتىپ بەرمەي پۇلنى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
7- قېتىم: 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە تىلفۇن قىلپ «قوي ئالامسەن دىگەندە زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى ماقۇل بولغان، ئۇلار سودىلشىپ قوينىڭ تىرىك ھالەتتىكى ئغېرىلقنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامنى 25.5 يۈەندىن سودىلشىپ جاۋاپكار ئا XX 130 تۇياق قوي ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولغان، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى بۇنىڭ ئۈچۈن جاۋاپكار ئا XXىغا 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار ئا XX بىلەن جاۋاپكار باXX ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ 130 تۇياق قوينىڭ قىزىلسۇ ئوبىلاستى ئاقتۇ ناھىيە پىلال يىزا 5-كەنتىكە بارىدۇ، دىگەن كارانىت تەكشۈرۈش قەغىزنى كومپيوتىرخانىدا ياسىتىپ رەسمنى زىيانلانغۇچى ئابلەت بەكىرىگە ئەۋەتىپ بېرىپ « بۇ قويلار ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرسەڭ، ئاندىن ساڭا بۇ قويلارنى ئەۋەتىپ بېرىمەن» دىگەن، زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى جاۋاپكار ئا XXىغا 50 مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەندىن كيىن جاۋاپكار ئا XX زىيانلانغۇچى ئابىلەت بەكىرىگە «قويلارنى ماشنىغا بېسىپ مڭېىپ كورلىغا كەلگەندە باشقا ئشىم چىقىپ قېىلپ بۇ قويلارنى كورلىدىكى بىر ئاغىنەمنىڭ قوتۇنىغا سولاپ قويۇپ كەتتىم، مەن ساڭا قويلارنى كىينىرەك ئاپىرىپ بىرەي» دەپ يالغان سۆزلەپ، زىيلانغۇچى ئابىلەت بەكىرنىڭ 60 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلپ خەجىلەپ تۈگەتكەن.
8- قېتىم: جاۋاپكار ئا XX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاقتۇ ناھىيە بارىن يىزا ئارا مەھەللە كەنىت مەركىزى يولى 164- نومۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەمەتجان قاسمنىڭ ئۇنىدىدارىغا دوسلۇشۇش ئۇچۇرنى يوللاپ، زىيلانلانغۇچى ئەمەتجان قاسىمنى ئۇندىدارىغا قوشقاندىن كيىن زىيانلانغۇچى ئەمەتجان قاسمىغا ئۇندىداردا « مەندە پوستاق، كۈنجۈرنىڭ شاكىلى بار، ئالامسەن» دەپ ئۇچۇر يوللاپ 32 توننا پوستاقنى 32500 يۈەنىگە، 32 توننا بۇغداينى 80 مىڭ يۈەنىگە سودىلشىپ زىيانلانغۇچى ئەمەتجان قاسىم بۇ پۇستاق ۋە بوغداي سېتىۋىلش ئۈچۈن جاۋاپكار ئا XXىغا جەمئى 55200 يۈەن پۇلنى ئۇندىدار ئارقلىق ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار ئا XX يالغاندىن « بۇ پۇستاق بىلەن كۈنجۈرنى ئىككى يۈك ماشنىسغا بېسىپ يولىغا سالدىم، شۇپۇرنىڭ تىلفۇن نومۇرى مۇشۇ» دەپ جاۋاپكار باXXنىڭ تىلفۇن نومۇرنى دەپ بېرىپ زىيانلانغۇچى ئەمەتجان قاسمىغا پوستاق بىلەن كۈنجۈرنى ئىۋەتىپ بەرمەي 55200 يۈەننى ئالداپ ئېلۋىلپ خەجىلەپ تۈگەتكەن.
9-قېتىم: جاۋاپكار ئا XX ئاقتۇ ناھىيە بارىن يىزا ئارا مەھەللە كەنىت تۆۋەنكى ھويلا يولى 053 نومۇرلۇق ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مۇسا قۇۋان بىلەن تونۇشقاندىن كيىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا زىيانلانغۇچى مۇسا قۇۋان بىلەن تىلفۇندا كۆرۈشۈپ « 33 توننا بۇغدانى كىلوگىرامنى 2.50 يۈەندىن، 33 توننا قوناقنى كىلوگىرامنى 2.15 يۈەندىن ھساپلاپ، كىراسى ئىچدە ئاقتۇ ناھيىسگە ئەكىلپ بېرىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئەۋەتىپ بەر» دەپ زىيانلانغۇچى مۇسا قۇۋاندىن 20 مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلپ ئۇنىڭغا بۇغداي قوناق ئەۋەتىپ بەرمەي بۇ پۇلنى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
دىمەك: جاۋاپكار ئا XX باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكنى قانۇنسز ئىگەللىۋىلش مەخستىدە جاۋاپكار باXX بىلە بىرلشىپ پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرش، ئالىداش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ باشقىلارغا پوستاق، كۈنجۈر، قوي، بۇغداي، قوناق ئەۋەتىپ بېرىمەن دەپ 8 قېتمىدا 6نەپەر زىيانلانغۇچنىڭ 265200 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلپ بۇ پۇلنى خەجىلەپ تۈگەتكەن.
جاۋاپكار باXX باشقىلارغا قوناق ئەكىلپ بېرىمەن، ماشنا ئېلىپ بېرىمەن دەپ 2 قېتمىدا 2 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ 60700 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ خەجىلەپ تۈگەتكەن، ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلارغا يالغان سۆزلەپ شىرىكى ئالمجان توختاخۇننىڭ باشقىلارنىڭ پۇلنى ئالداپ ئېلشىغا ياردەم قىلغان. دىلۇ پاش قىلنغاندىن كيىن جاۋاپكار باXX 2 نەپەر زىيانلانغۇچىدىن ئالداپ ئالغان 60700 يۈەننى تۆلەپ قايتۇرغان، جاۋاپكار ئا XX 6 نەپەر زىيانلانغۇچىدىن ئالداپ ئالغان 265200 يۈەن پۇلنى ئەسلىگە كەلتۈرمىدى.
يۇقارقى پاكىتلارنى بىكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1- يازما ئىسپات.
2- گۇۋاھىچنىڭ گۇۋاھلىقى
3- زىيانلانغۇچنڭ بايانى
4- جاۋاپكارنىڭ ئىقىرارى
5- تونۇتۇش خاتىرىسى.
مەھكىمىمىز: جاۋاپكار ئا XX، باXXلەرنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددا 25- ماددا ماددسدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئالدامچلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جاۋاپكارلار جىنايى قىلمىشىغا تولۇق ئىخىرار، جاۋاپكارلارنىڭ جنايتنى تونۇش پوزىتسيىسى ياخشى. جاۋاپكار ئا XXىغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65- ماددسدىكى بەلگىلىمسى بويىچە جازا بېرشكە تېگشلىك. دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش : شەمشىدىن ئەبەيدۇللا.
ياردەمچى تەپتىش : دىلشات ھاكىم.
2020- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى.
ئىزاھات:
1- جاۋاپكارلار ھازىر ئاقتۇ ناھيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2- جاۋاپكار ئادۋوكات تەكلىپ قىلمىدى.
4–دەلىل- ئىسپات مۇندەرجىسى، ئەيىپلاشنامىدىن 13 نۇسقا ج خ دىلۇسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论