欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(库某某危险驾驶案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                                   ئو ت ئەيىبلەش (2020)638-نومۇرلۇق

   جاۋابكار قۇxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxx 6529221966، ئالى تىخنىكۇم مەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە، شىنجاڭ xx ناھىيە xx ئۇلتۇراق رايۇنى 2-بىنا 1-كۇرپۇس 202-نومۇردا ئۇلتۇرۇشلۇق، ئاقسۇ xx بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ 2020-يىلى5-ئاينىڭ 6-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.

  ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋابكار قۇxxنىڭ چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن     2020-يىلى11-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ، قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى تېزسوتلاش تەرتىۋىدە  قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى.

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار قۇxx 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 00دىن38مىنۇت ئەتراپىدا، پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە 新Nxxxx5 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق مۇتۇسىكىلىتنى ھەيدەپ، ئۇنسۇ ناھىيە xx يول بۆلىكىدە جەنۇبتىن شىمال يۆلىنىشتە يول يۈرۈپ، ئۇنسۇ ناھىيە xxئۇلتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدى يول بۆلىكىدە ئوڭ تەرەپ كىرىش ئېغىزىغا بۇرۇلماقچى بولغان لىxx ھەيدىگەن新Nxxxx9 نۇمۇرلۇق ئاپتۇمۇبىلنى سۇقۇۋەتكەن، بۇ ھادىسىدە قۇxxغا بارلىق مەسئۇلىيەت بىكىتىلگەن. جاۋاپكار قۇxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml158.70 چىققان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار. 

  يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارلارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار قۇxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ.

دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.جاۋابكار گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋاقانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگۈلىمىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»    67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى  بويىچە يىنىكلىتىپ جازابېرىشكە بولىدۇ.

قاتناش بىخەتەرلىگى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىنىڭ دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلىغىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار قۇxxنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددابىرمەزمۇنى بەلگۈلىمىسىنىڭ 1-تارمىغى بويىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                            ئونسۇ ناھىىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                          تەپتىش: كىرەم ئۆمەر

                                         پۈتۈكچى:  تاھىر تۇنىياز

                                     2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى

[قۇشۇمچە]: (1) جاۋابكار قۇxx ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە (2) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، 1 توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسقاجازا ئۆلچەش تەكلىبى، 1نۇسقىدىن«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ۋە ھوقوق-مەجبۇريەت ئۇقتۇرۇشنامىسى ،1نۇسقا تېزسوتلاش تەرتىپنى قوللۇنۇش تەكلىبى قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top