ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 599-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار خاxx، ئايال، 1984-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529011984xxxxxx، ئۇيغۇر، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاقسۇ شەھىرى xx يېزا xx كەنىت 3-گۇرۇپ 47-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
جىنايەت گۇماندارى ئاxx، ئەر، 1987-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529221987xxxxxx، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئونسۇ بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى 11-بىنا 3-ئىشىك 503-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن قانۇن بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئونسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار خاxx، ئاxx چېتىشلىق زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 2–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋاپكار خاxx 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-16-كۈنلىرى ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ساقلاۋاتقان زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) نى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق جاۋاپكار ئاxxنى ئىزدەپ، ئۆزىگە ياردەملىشىپ زەھەرلىك چىكىملىكنى سېتىپ چىقىرىپ بېرىشنى ھەمدە زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) چىكىدىغانلارنى تېپىپ بېرىشىنى ئېيتقان ھەم جاۋاپكار ئاxxغا كىچىك ئىككى بولاق (ئۈرۈك چوڭلىقىدا) زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) بەرگەن. جاۋاپكار ئاxx دوستى ياxxنى تېپىپ، ئىلگرى كېيىن بۇلۇپ ياxxغا كىچىك ئىككى بولاق (ئۈرۈك چوڭلىقىدا) نەشىنى بېرىپ، بۇ نەشىنى چىكىپ بېقىشىنى ھەمدە باشقىلارغا تەۋىسىيە قىلىپ قۇيىشىنى ئېيتقان. ياxx ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ ئىككى قېتىم ئونسۇ ناھىيسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەxxگە جاۋاپكار ئاxx ۋە جاۋاپكار خاxxنى تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر قېتىمدا 100 يۈەندىن جەمئى ئىككى قېتىم 200 يۈەنلىك زەھەر (نەشە) سېتىۋالغان، 1-قېتىم ياxx بىلەن ئەxx جاۋاپكار ئاxxنى تېپىپ زەھەر سېتىۋالماقچى بولغاندا، جاۋاپكار ئاxx جاۋاپكار خاxxنى ئونسۇغا باشلاپ چىقىپ، ئەxxگە 100 يۈەنلىك زەھەر (نەشە) سېتىپ بەرگەن. يەنە بىر قېتىم ئەxx 100 يۈەن پۇلنى ياxxغا قىزىل بولاق شەكىلدە ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن، ياxx پۇلنى جاۋاپكار خاxxنىڭ ئۈندىدارىغا قىزىل بولاق شەكىلدە ئېتىپ بەرگەن.
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىدا ئونسۇ ناھىيە xx ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئەتراپىدىكى خەلق مەيدانىدا جاۋاپكار خاxx بىلەن جاۋاپكار ئاxx قولغا چۈشكەن. جاۋاپكار خاxxنىڭ 新NxxxxL نومۇرلۇق ماشىنىسىنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىكى زاپاس چاق قۇيىدىغان ئورۇندىن سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) تېپىلغان. نەق مەيداندا جىڭلاش ئارقىلىق، قولغا چۈشكەن گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقى 492.76 گىرام بۇلۇپ چىققان. جاۋاپكار خاxx نەق مەيداندا ئاقسۇ شەھىرى xx يېزا xx كەنت 3-گۇرۇپ 47-نومۇرلۇق ئۆيىدىمۇ زەھەر (نەشە) ساقلاۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغاندىن كېيىن، تەھقىقلىگۈچى خادىملار جاۋاپكار خاxxنىڭ ئۆيدىكى بىر قەغەز يەشىكنىڭ ئىچىدە قارا رەڭلىك سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) نى تېپىپ، نەق مەيداندا جىڭلاش ئارقىلىق، زەھەرلىك چىكىملىك (نەشە) نىڭ ساپ ئېغىرلىقى 1460.3 گىرام بۇلۇپ چىققان. باھالاش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىپ ئەكەلگەن گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ تەركىبىدە زەھەر (نەشە) بار دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۈزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار خاxx، ئاxxنىڭ قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە زەھەر ئېلىپ ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست. جاۋاپكارلارنى زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. زەھەر ئېلىپ سېتىش جىنايەتلىرىنى جازالاش ئۈچۈن جاۋابكار خاxx، ئاxx قاتارلىقلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 25-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، 347-ماددا بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
باش تەپتىش: مەمەت تۇنياز
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 13 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، 2 نۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار خاxx ئونسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق، جاۋابكار ئاxxھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论