欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)_和某某人民检察院 

2021-09-25 尘埃 评论0

和某某人民检察院 

起 诉 书

和某某检一部刑诉〔2020〕325号

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                                     خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 325-نومۇرلۇق   

 جاۋابكار رXX،ئەر،ئۇيغۇر،1972-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 6528271972XXXXXXXX،كەسپى: دېھقان،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX مەيدانى XX-نۇمۇر، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كېپىللگە بىرىلگەن.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX مەيدانى XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

جاۋابكار رXXىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار رXX مەزكۇر دىلودا ئاددى  تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2019-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە،جاۋابكار رXX دوستلىرى يXX،يXX،ئىنىسى بXX قاتارلىقلار بىلەن بىللە خېجىڭ ناھىيسى جۇلا رېستۇرانىدا ئولتۇرۇپ  ھاراق ئىچكەن، ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن جاۋابكار رXX ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن مەست ھالەتتە 新MXXXX نۇمۇرلۇق ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى غەرپ-شەرق يۆنىلىشتە ھەيدەپ،2019-يىلى 07-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 01:10 مىنۇت ئۆتكەندە،خېجىڭ ناھىيسى كېزە كەنت 4-باشلانغۇچ مەكتەپ ئالدى يول بۆلكىگە كىلىپ،قXX شەرق-غەرپ يۆنىلىشىدە ھەيدەپ كىلىۋاتقان 新MXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇموبىل بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن.نەتىجىدە جاۋابكار رXX بىر ئادەم يارلىنىش ۋە ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىققان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەر باھالاش 5276-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار رXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 243 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن . 

 شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش 5275-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە ئالاقىدار قXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە ئىسپىرت مىقدارى يوق دەپ بىكىتكەن.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 2085-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسى باھالاشنامىسىدە 新MXXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەندىكى پەيىتلىك تىزلىكى km/h 57 دەپ، 新MXXXX نۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىلنىڭ ھادىسە يۈز بەرگەندىكى پەيىتلىك تىزلىكى km/h 19دەپ باھالاش يەكۈنى چىقارغان.

 خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ xxxx نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسىدە ئالاقىدار رXX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ،ئالاقىدار قXX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ قاتناش ھادىسە ئىتىراپنامىسى چىقارغان. جاۋابكار ر XX دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

  يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات،نەق مەيدان تەكشۈرۈش-ئېنىقلاش ماتىرىيالى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئەدىلىيەلىك تەكشۇرۇپ باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار رXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەست ھالەتتە ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار رXXنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار رXX جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار رXXنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                               ھۆرمەت بىلەن:  

                             خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                  تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى 

                                2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top