欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(买某某危险驾驶案)

2021-09-19 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

توقسۇن تەپتىش 1- بۈلۈم ئەيىپلەش[2020]129-نومۇرلۇق 

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

     جاۋاپكار م** ئەر، ئۇيغۇر،**19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0917********652123 كەسپى: دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپوسقا ئېلىنغان جايى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ توقسۇن ناھىيە، توقسۇن بازار  **يولى** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **-نۇمۇر، بۇرۇن جازالانمىغان. جاۋاپكار م ** خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار م**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

   مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى :

 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 06-كۈنى سائەت 23:36لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار م** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە*****新Kنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىننى  ھەيدەپ توقسۇن ناھىيە شىچاڭ شىمالى يولى6-نۇمۇرلۇق خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇيەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار م** توقسۇن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ قالدۇرغان ھەمدە ئەدىليەلىك باھالاشقا ئەۋەتكەن. 2020-يىلى05-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك تەكشۈرۈش باھالاش مەركىزىنىڭ(2020) 1391-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدىن جاۋاپكار م**نىڭ ھەر 100مىللىيلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدە 229 مىللىيگىرام ئالكوگىل مىقدارى بارلىقىنى باھالاپ بېكىتتى.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار  .

     يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار م**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار م** ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133–ماددىسىنىڭ بىرىنچى مەزمۇنىغا خىلاپ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار م** نى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 6000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.  

شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى، 214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: ئىزتۇللا ئەخمەت

             2020-يىلى7-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە:

1.جاۋاپكار م** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.

2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام  بىرگە يوللاندى.

3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top