欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(亚某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕555号 

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                  ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020]  -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار يا xx، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221989، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسگە ئىگە، دىھقان، شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازار xx كەنىت xx-مەھەللدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار يا xx چېتىشلىق خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 2–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

جاۋاپكار يا xx 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 1 دىن 52 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە، پىراۋسىز ھالدا 新N xxxxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسكلتنى ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە G314 لىنيە 969 كىلومىتر 900 مىترلىق يول بۆلىكگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇنسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار يا xx نىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml 228.72 چىققان.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يا xx نىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار يا xx غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بېرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                                      تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                                       پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز

                                 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋابكار يا xx  ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top