欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-23 尘埃 评论0

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش

مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسى

ئا ت ئەيىپلەش [2019] 334-نومۇرلۇق

جاۋابكار ئە X، ئەر ، قىرغىز ، 19**-يىلى*-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65302219****2813، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى: چارۋۇچى، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيە ** يىزا ** كەنىت *-گۇرۇپپا *-نۇمۇر، جاۋابكار ئە X 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەپدىن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ، قۇشۇمچە 4000 يۈەن شىتىراف قۇيۇلغان.

جاۋابكار ئە X خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن. جاۋابكار ھازىر ئائىسىلدە كىپلىدە.

ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋاپكار ئە Xنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا دەۋادىكى ھوقوق-مەجبۇريەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق . بارلىق دېلو ماتىريالى ، دېلونىڭ دەلىل ئسپاتى ۋە پاكتىنى كۆرۈپ چىقىپ. دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 11:45 لەردە جاۋابكار ئە X مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ مەس ھالەتتە پىراۋىسىز، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يىزىسى توقاي كەنىت كۆۋرۈك مەھەللە تەرەپتىن ئاقتۇ ناھىيە بۇلۇڭكۆل يىزىسى توقاي كەنىت تەرەپكە قاراپ مىڭىپ دۆلەت يولى 314-لىنىيە 1571 كىلومىتىر 200 مىتىر بۆلكىگە شۇ ئورۇندا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرپدىن بايقالغان، ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى جاۋابكار ئە Xنى مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك ئويتاغ بازارلىق خەلق دوختۇرخانسىغا ئىلىپ بىرىپ قان ئەۋرىشىكىسى ئىلىپ تەكشۈرگەن.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش ئونى تەكشۈرۈپ [2019] 5074-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارنى تەكشۈرۈش يەكۈندە، جاۋابكار ئە Xنىڭ شۇ كۈندىكى ھەر 100 مىللى لىتىر قىندا 136 مىللى گىرام ئىسپرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

1-​ يازما ئسپات.

1-​ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى.

1-​ باھالاش پىكىرى.

1-​ نەق مەيدان سۇرئىتى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى : جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددسىنىڭ بەلگلمسىگە ئاساسەن خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىللنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ھەم راس، توپلىنىشى قانۇنلۇق بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

مەھكىمىمىز جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قلىمشنى خەۋىپىلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق

سوت مەھكىمسگە:

تەپتىش : يالقۇن ماسىماخۇن

تەپتىش : دىلشات ھاكىم

2019 يىلى 11- ئاينىڭ -كۈنى.

ئىزاھات:

1- جاۋاپكار ھازىر ئائىلسىدە كېپلدە.

2- جاۋاپكار ئاقلغۇچى تەكلپ قلىمدى .

3 -دەلىل- ئسپات مۇندەرىجىسى ، ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top