欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)_皮某某人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

皮某某人民检察院

起 诉 书

皮某某检公诉刑诉〔2019〕203号

被告人艾xx,男性,19xx年xx月xx日出生,居民身份证号码65322319xx,维吾尔族,高中,户籍所在地新疆维吾尔自治区和田地区皮某某,住皮某某xx村6号,皮某某xx工人。经我院批准于2018年10月13日依法逮捕,现在皮某某看守所羁押.

皮某某监察委员会将此案侦查终结后,于2018年10月4日移送至我院审查起诉。

经依法审查查明:

1)2011年-2015年,被告人艾xx利用职务便利,和皮某某国营牧场场长阿xx(另案处理),会计托xx一起以他人名义报738966亩草原面积,贪污1067692元补助,贪污的1067692元的709218元用于牧场的各类费用,剩余358438元他们三个人一起花。

2)2013年11月,被告人艾xx和另案处理的阿xx一起报105只羊,贪污84000元,将24000元分给另案处理的阿xx。

3)2013年-2015年,被告人艾xx利用职务便利,以牧场的牧民的名义养殖,贪污424000元。

4)2013年,被告人艾xx利用职务便利以牧民百xx的名义盖安居房,贪污43500元。

综上所述,被告人艾xx利用职务便利,贪污国家对草原保护费,养殖补助费,安居费等1619192.00元,641150元花分掉。

 上述事实由证人证言,被告人供述和辩解,相关书证等证据证明。

本院认为,被告人艾xx的上述行为触犯了《中华人民共和国刑法》第382条,第383条之规定,犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以贪污罪追究其刑事责任。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条第一款的规定,提起公诉,请依法判处。

此致

皮某某人民法院

检察员:热西旦努尔买买提

2019123

附:

    1.被告人现羁押于皮某某看守所。

2.案卷材料和证据1册。

3.起诉书一式八份。

     

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى گۇما ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

 گ ت  (2019) جىنايى ئىشلار چىقىش  203–نومۇرلۇق

گۇما ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋاپكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx19 -يىلى xx-ئاينىڭ xx–كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xx65322319 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىسىگە ئىگە، شىنجاڭ گۇما ناھىيىسىدىن، گۇما ناھىيە xx باشلاق كەنتى  xx-نومۇرلۇق ئائىلىدە ئولتۇرۇشلۇق، گۇما ناھىيە xx چارۋىچىلىق مەيداننىڭ ئەسلىدىكى ئىشچىسى، ئىلگىرى جىنايى جازاغا ئۇچۇرمىغان. مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.

گۇما ناھىيىلىك رىۋىزىيە كومتىتى، مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىلو پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاپ چىقتى :

1) 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋاپكار ئەxx خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، گۇما ناھىيە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىكى چارۋىچىلىق مەيداننىڭ سابىق باشلىقى ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ئاxx، سابىق كاسسىرى ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان توxx بىلەن بىرلىشىپ، جەمئىي 738966 مو يايلاق كۆلەمنى باشقىلارنىڭ نامىدا يالغاندىن يوللاپ، ئەمەلىيلەشكەن 1067692.00 يۈەن يايلاق ئىكولۇگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما پۇلىغا خىيانەت قىلغان؛ خىيانەت قىلغان 1067692.00 يۈەندىن 709218.00 يۈەننى مەيدان ھىسابىغا قويۇپ مەيداننىڭ تۈرلۈك چىقىمىغا ئىشلەتكەن، 358432.00 يۈەننى جاۋاپكار ئەxx ۋە ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان توxx، ئاxx بۆلۈشۈپ خەجلىگەن بولۇپ، جاۋاپكار ئەxx 109650.00 يۈەننى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان.    

2) 2013-يىلى 11-ئايدا، جاۋاپكار ئەxx ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ئاxx بىلەن بىرلىشىپ، 105 تۇياق قوينى بەلگۈلىمىگە خىلاپ ھالدا قوچقار تولۇقلىمىسى ئىلىشقا يوللاپ، دۆلەتنىڭ خوتەن قوچقىرى بىقىپ يىتىشتۇرۇش تولۇقلىما پۇلىدىن 84000.00 يۈەنگە خىيانەت قىلىپ، 24000.00 يۈەننى ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ئاxxقا بەرگەن. 

3) 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋاپكار ئەxx خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلىق مەيداندىكى چارۋىچىلارنىڭ نامىدا خوتەن قۇچقىرى بىقىش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ئىلىشقا يوللاپ، دۆلەتنىڭ خوتەن قۇچقىرى بىقىپ يىتىشتۈرۈش تولۇقلىما پۇلىدىن 424000.00 يۈەنگە خىيانەت قىلغان.   

4) 2013-يىلى جاۋاپكار ئەxx خىزمەتتىكى قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى بەxx نامىدا بىر يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سىلىپ، بەxx نامىدا ئەمەلىيلەشكەن ئۆي سىلىش تولۇقلىما پۇلىدىن 43500.00 يۈەنگە خىيانەت قىلغان.

يۇقارقىلارنى يىغىچاقلىغاندا، جاۋاپكار ئەxx خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ يايلاق ئىكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما پۇلى، خوتەن قۇچقىرى بىقىپ يىتىشتۈرۈش تولۇقلىما پۇلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما پۇلىدىن 1619192.00 يۈەنگە خىيانەت قىلىپ، 641150.00 يۈەننى بۆلۈشۈپ خەجلىگەن.

يۇقارقىلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، مۇناسىۋەتلىك يازما دەلىل-ئىسپات  قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز، دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راسىت، جاۋاپكار ئەxxنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەت قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەھكىمىڭىزلەرنىڭ جاۋاپكار ئەxxكە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلارقانۇن» نىڭ 382-ماددىسى، 383-ماددىسىنىڭ بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىنى سورايمىز.

گۇما ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: رەشىدە نۆرمەمەت

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 23–كۇنى

ئىزاھات:

1› جاۋاپكار ئەxx ھازىر گۇما ناھىيىلىك قاماقخانىدا.

2› ئەيىبلەشنامە ئوخشاش 8 نۇسخا يوللاندى . 

3›تۆت  توپلام رىۋىزىيە دىلوسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top