欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(胡某某盗窃一案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

             شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 1267 –نۇمۇرلۇق 

جاۋاپكار خXX ، ئايال ، ئۇيغۇر ،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :******** 6528011990 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئېگە ، مۇقىم كەسپى يوق . نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ** شەھىرى ** يېزىسى ** كەنىت **-گۇرۇپ 152-قورو. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ** شەھىرى **-ئولتۇراق رايونى **-بىنا 5-كۇرپۇش 202-ئۆي. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلغان . 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن  .  

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار خXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق . 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 13:30مىنوت ئۆتكەندە ، جاۋپكار خXX ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ، كورلا شەھەر ** سودا سارىينىڭ يەر ئاستى سودا بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ،** كىيىم- كېچەك دۇكىنىغا كىرىپ ، دۇكان ئىچىدە ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ بىردانە ( 裘皮服饰) تۈلكە تېرىسى چاپىنى،بىر دانە(sunflower) ماكىلىق كۈل رەڭ ئىشتان،بىر دانە (香奈儿)ماركىلىق قارا رەڭلىك يۈرۈڭ چاپان،بىر دانە (ME)ماركىلىق خوما رەڭ ئىشتان،بىر دانە (sunflower) ماكىلىق قارا رەڭلىك ئىشتان،بىر دانە (CConly) ماركىلىق قارا رەڭلىك ئىشتان،بىردانە (Eujinchaa) ماركىلىق كۈل رەڭ چاپان،بىردانە قول سومكىسى(ماركىسى ئىنىق ئەمەس)،بىردانە شارپا(ماركىسى ئىنىق ئەمەس)،بىر دانە كۈل رەڭ ئۆرە ياقىلىق مايكا (ماركىسى ئىنىق ئەمەس)،بىردانە ئاق رەڭلىك ئۆرە ياقىلىق مايكا (ماركىسى ئېنىق ئەمەس ) قاتارلىق 11دانە كىيىم –كېچەكلەرنى ئوغۇرلاپ نەق مەيداندىن قېچىپ كىتىپ ، كىيىملەرنى ئۆزىنىڭ **ئولتۇراق رايۇندىكى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان .

كورلاشەھەرلىك مال باھالاش ئىدارسىنىڭ (2020)003-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە: بىردانە ( 裘皮服饰)ماركىسىدىكى تۈلكە تېرىسى چاپىنىڭ باھاسىنى 760 يۈەن . بىر دانە(sunflower) ماكىلىق كۈل رەڭ ئىشتاننىڭ باھاسىنى 150يۈەن . بىر دانە (香奈儿)ماركىلىق قارا رەڭلىك مامۇخ چاپاننىڭ باھاسىنى 695يۈەن . بىر دانە (ME)ماركىلىق خومرەڭ ئىشتاننىڭ باھاسىنى 150يۈەن . بىر دانە (sunflower) ماكىلىق قارا رەڭلىك ئىشتاننىڭ باھاسىنى 150يۈەن . بىر دانە (CConly) ماركىلىق قارا رەڭلىك ئىشتاننىڭ مال باھاسىنى 120 يۈەن . بىردانە (Eujinchaa) ماركىلىق كۈل رەڭ چاپاننىڭ باھاسىنى 360 يۈەن  . بىردانە قول سومكىسى(ماركىسى ئىنىق ئەمەس ، قارا رەڭلىك ،تاسمىسى قىزىل رەڭىلىك ،ئچىدە كىچىك بىر پورتمال)نىڭ باھاسىنى 90 يۈەن . بىردانە شارپا(كۈل رەڭ ،ئۇزۇنلىقى 160سانتېمىتىر ئەتىراپىدا ،ماركىسى ئىنىق ئەمەس) نىڭ باھاسىنى 59 يۈەن  . بىر دانە كۈل رەڭ ئۆرە ياقىلىق مايكا (ماركىسى ئىنىق ئەمەس) نىڭ باھاسىنى 120 يۈەن . بىردانە ئاق رەڭلىك ئۆرە ياقىلىق مايكا (ماركىسى ئىنىق ئەمەس) نىڭ مال باھاسىنى 150 يۈەن . دەپ باھالاپ بېكىتكەن  . 

دىلونىڭ ئۇمۇمى قىممىتى  2834 يۇەن . 

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار خXX ، دىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىزمۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار خXX قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەخسىتىدە، يوشۇرۇن ۋاستىسىلەرنى قوللۇنۇپ، باشقىلارنىڭ 2834 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان، ئوغۇرلۇق سوممىسى كۆپرەك ، قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان بۇلوپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بويىچە  كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ. شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار نى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

                         كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە

                           تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس 

                               2020-يىلى 12- ئاينىڭ 22-كۈنى    

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top