阿克陶县人民检察院
起 诉 书
阿克陶县检刑检刑诉〔2020〕101号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2020] 101-نومۇرلۇق
جاۋاپكار رو**،ئايال ، ئۇيغۇر، 2000-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: ******** 6530222000، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،كەسپى: دېھقان،ئىلگىرى جازالانمىغان.
نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقتۇ ناھيە ئۈژمە يېزا ** كەنت ** يولى ***-نۇمۇر.
جاۋاپكار رو** ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2020-يىلى6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى2020-يىلى 6-ئاينىڭ9-كۈنى جاۋاپكار رو**نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى قوبول قىلغاندىن كىيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق،«جىنايىتىنى تونۇپ جىنايى جازانى قوبول قىلىش »تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە دىجۇرنى ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق،بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق.
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 11:00لار ئەتراپىدا جاۋاپكار رو** ئاقتۇ ناھىيە ئاق ئالتۇن تېز تاماقخانىسىغا ئىش ئىزدەپ بىرىپ ئىشقا چۈشكەن،سائەت 16:00لەر ئەتراپىدا جاۋاپكار رو** تېلېفونىسىنىڭ سۆزلىشىش ھەققى قەرز بولۇپ قالغاچقا تېلېفونىسىدا تورغا چىقالماي ئاشخانا خوجايىنى قا**غا «تېلېفونىڭىزدىن تور تارقىتىپ تېلېفونۇمدا بىردەم تورغا چىقىۋالاي،تېلېفونىڭىزنى بىرىپ تۇرسىڭىز »دىگەندە ئاشخانا خوجايىنى قا** تېلېفونىسىنىڭ ئىكران مەخپى نۇمۇرى«2535»دىگەن نۇمۇرنى سىلىپ ئىچىپ تېلېفونىسىنى جاۋاپكار رو**قا بەرگەن،بۇ ۋاقىتتا جاۋاپكار رو** قا**نىڭ تېلېفونىنىڭ ئىكران مەخپى نۇمۇرى «2535»دىگەن نۇمۇرنى كۆرىۋالغان، جاۋاپكار رو** ئاشخاناخوجايىنى قا**نىڭ تېلېفونىسىدا تور تارقىتىپ ئۆزىنىڭ تېلېفونىسىدا تورغا چىققان،شۇ جەرياندا ئاشخانا خوجايىنى قا**نىڭ تېلېفونىسىدىكى ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدا 6000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇ پۇللارنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يوللىۋىلىپ خەجلەش مەقسىتىدە ،ئاشخانا خوجايىنى قا** ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،ئاشخانا خوجايىنى قا**نىڭ mkd11520نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارا رەڭلىكVIVOماركىلىق يانفونىسىدا ئاچقان sevgim13ru88639نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىغا 150يۈەن ئاغدۇرغاندا ئالتە خانىلىق پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نۇمۇرى تەلەپ قىلغان، جاۋاپكار رو** ئاشخانا خوجايىنى قا**نىڭ تېلېفونىسىنىڭ ئىكران مەخپى نۇمۇرى «2535»دىگەن ساننىڭ ئاخىرىغا «45»دىگەن ساننى سىلىپ سىناپ باققاندا ئۈندىدارنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپى نۇمۇرى توغرا چىقىپ قىلىپ ئاشخانا خوجايىنى قا**نىڭ ئۈندىدارىدىن 150يۈەن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇلغان، جاۋاپكار رو** ئۈندىدار ئارقىلىق سەككىز قىتىمدا جەمئى 4550يۈەن پۇلنى قا**نىڭ ئۈندىدارىدىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرىۋالغان،بۇ 4550يۈەن پۇل قا**نىڭ mkd11520نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىغا باغلاقلىق يېزا ئامانەت قەرز ھەمكارلىق كاپراتىپى بانكىسىنىڭ 6212872089126455نۇمۇرلۇق كارتىسىدىن چىقىم بولغان بولۇپ، جاۋاپكار رو** ئاشخانا خوجايىنى قا**نىڭ بايقاپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلېفونغا كەلگەن بانكىنىڭ پۇل چىقىم بولغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇيىۋىتىپ تېلېفوننى قا**غا قايتۇرۇپ بەرگەن،سائەت 19:00لار ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى قا** بانكا كارتىسىدىن 4550يۈەن پۇلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ جاۋاپكار رو**قا «بانكا كارتامدىن پۇل يوق تۇرىدۇ،تېلېفونۇم بىلەن سىز ھەپىلەشكەن،110غا تېلېفون قىلايمۇ ياكى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلامدۇق»دىگەندە جاۋاپكار رو** «پۇلنى مەن ئالمىدىم»دەپ تۇرىۋالغان،شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى قا** ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان،ساقچىلار كەلگەندىن كىيىن جاۋاپكار رو** ئۆزىنىڭ پەقەت 3000يۈەن ئوغۇرلۇق قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلىپ ئۈندىدار ئارقىلىق ئوغۇرلىغان 3000يۈەننى زىيانلانغۇچى قا**نىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ بەرگەن، كىيىن شەھەر ساقچىخانىسىغا ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىن قالغان 1550يۈەننىمۇ ئوغۇرلىغانلىقىغا ئىقرار كەلگەن، جاۋاپكار رو**نىڭ ئۈندىدارىدىن پۇل چىقىم قىلغىلى بولمىغاچقا ئوغۇل دوستى ئە**نىڭ ئۈندىدارىغا ئاغدۇرۇپ قويغان،قالغان 1550يۈەن پۇل ئە**دىن تۇتۇپ قىلىنىپ زىيانلانغۇچى قا**غا قايتۇرۇلغان،زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
1- ماددى ئىسپات
1- يازما ئسپات
1- زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى
1- گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1- جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى
6- نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى،نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز : جاۋاپكار رو**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بېرشڭىزلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە:
تەپتىش : نۇرىمان تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى :ئابدۇسالام ئوبول
2020 يىلى 7- ئاينىڭ 6 -كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2- جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى.
3 –دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى،«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى »،ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا، بىر دانە VIVOماركىلىق قول تېلېفون ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论