欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(肉某某盗窃案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2019〕7697- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋاپكار رX، ئەر، ئويغۇر، 1978- يىلى**- ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6529131978دىھقان، ساۋاتىسز، يۇرتى، شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گوروپ **- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4- كۇنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىگە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلسدە كېپىلدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕754- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار رXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2019-يىلى 11- ئاينىڭ15-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلودىكى ماتىرىياللارنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ كۆردۇق. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار رX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ** بازىرى ** كەنىت كومتىتى ھويلىسىدىن يۇشۇرۇن ئايرىلىپ، ئۆزى يالغۇز مېڭىپ زىيانلانغۇچى قXنىڭ ئۇينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىلگىرى قX بىلەن ھاراق ئىچىش جەريانىدا قXنىىڭ « مىنىڭ پۇلۇمنى سىڭلىم ئاX ئويدىكى يوتقان كورپىلەر ئارىسىغا تىقىپ ساقلاپ بىرىدۇ» دىگەن گىپى ئىسىگە كىلىپ، ئۆيگە كىرىپ پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە ئوغۇرلاپ چىقىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى قXنىڭ ھويلىسغا كىرىپ، ھويلىدا ئادەم يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ، قXنىڭ مىھمانخانا ئۈيىنىڭ دەرىزىسىدىن ئۆيگە كىرىپ يوتقان كۆرپىلەرنى ئارىسىنى ئاقتۇرۇپ زىيانلانغۇچى قXنىڭ سىڭلىسى ئاX ۋەكالىتەن ساقلاپ بىرىۋاتقان، يوتقان كورپىلەر ئارىسىغا تىقىپ ساقلاپ قويغان 5000 يۇەن پۇلنى يۇشۇرۇن ئوغۇرلاپ دەرىزدىن چىقىپ كەتكەن، دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

دىمەك، جاۋابكار رXنىڭ باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى مال- مۈلكىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار رXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار رXنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇن كىرىپ، قانۇنلۇق مال- مۈلكىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست ھەم تولۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار رX جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار رXگە مۇددەتلىك 6 ئايدىن يۇقىرى8 ئايدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: قاھار ئابدۇراخمان

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى

قوشۇمچە :

1) جاۋابكار رX ھازىر ئائىلسىدە كېپىلدە.

2) بىر توپلام 70 بەتلىك ج خ دېلو ئارخىپى، 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىر تەرەپ قىلىشنى قوللۇنۇش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top