شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلەش 2-بۆلۈم چىقىش (2020) 312 -نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXXXX3017، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXيېزا XXكەنىت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە) جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى (2020) 677-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى.مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ،جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقوقى بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ شەھەر قۇمباش يېزا 1-كەنىت 7-گۇرۇپ مەھەللە دوقمۇشىدا گۇرۇپ باشلىقى گۇرۇپپا ئەزالىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن جاۋابكار رXX گۇرۇپپا باشلىقى ھXXدىن «بۇغداينى قانداق قىلىمىز، بۇغداينى تۇخا يەپ كەتتى» دەپ سورىغاندا، ھXX «مەن ئاXXقا ئىككى قېتىم دەپ قويدۇم، توخۇسى كاتەككە سۇلاقلىق ئىكەن، بۇغدايمۇ ئۈنۈپ بولدى، سۇ قۇيىۋەتسەڭ بولمامدۇ» دىگەندىن كېيى، جاۋابكار رXX «سۇ بولمىسا نېمىنى قۇيىدۇ» دەپ ۋارقىراپ، يەردىن بىر دانە ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى سېمىنۇت تاشنى ئېلىپ، تەخمىنەن 3 مېتىر يىراقلىقتىكى موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان زىيانلانغۇچى ئاXXقا قارىتىپ ئاتقان. جاۋابكار ئاتقان سېمىنۇت پارچىسى زىيانلانغۇچىنىڭ ئوڭ بېقىنىغا تەگكەن، جاۋابكار رXX تاشنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىغا يۈگىرەپ زىيانلانغۇچى ئاXXنى ئۇرماقچى بولغاندا، ئەتىراپتىكىلەر جاۋابكار رXXنى تۇتىۋېلىپ ئۆيىگە كىرگۈزىۋەتكەن.
زىيانلانغۇچىنىڭ زەخمىسىنى 2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋابكار رXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، جاۋابكار جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارنى قەستەن زەخمىلەندۈرۈش (2-دەرىجىلىك ئېغىر زەخمە) جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 234-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش:تXX
تەپتىش:ئاXX
2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论