欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(肉某某危险驾驶案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-25 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕646号 

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     ئۇ ت ج ئى چىقىش [2020] 574-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار رxx، ئايال، ئۇيغۇر، xx19 -يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxxxx 65292219 ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقۇم كەسپى يوق، xxناھىيە xxبازىرى xxكەنتى xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.

ئۇنسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار رxx چېتىشلىق ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 10–كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇختۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە: 

جاۋابكار رxx 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 22 لەر ئەتىراپدا، xxبازارلىق ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ئىشخانسنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بۇيىچە، xxبازىرى xxئاھاللار كومىتىتى كادىرلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلار بىرلىكتە لىيxxنىڭ ئۆيگە كىرىپ ئەھۋال ئىگەللەۋاتقاندا، جاۋابكار رxx ئۆي ئىگىسى ۋە باشقىلارنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان بىر دانە سېرىق ئالتۇن ئۈزۈكنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. كىيىن جاۋابكار رxx ئۆز قىلمىشدىن پۇشايمان قىلىپ بىرگە ئەھۋال ئىگەللەۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ، ئۈزۈك ئوغۇرلىغان ئۆيگە كىرىپ ئۈزۈكنى ئۆز جايىغا قۇيۇپ قويماقچى بولغاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ بايقاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۈزۈكنى ئېلىپ چىقىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورنىنىڭ ياتىقىغا تىقىپ قويغان. جاۋابكار رxx ئوغۇرلىغان بىر دانە سېرىق ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ئېغىرلقى 11.45 گىرام كەلگەن. مال–باھا باھالاش ئىدارسى 5015 يۈەن دەپ باھالىغان. دىلو پاش بولغاندا زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشغا ئېرىشكەن.

يۇقارقى پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۈزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكرى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇنچە ئېلىۋلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار رxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۈرۈر. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

   ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

                       تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام

                      پۈتۈكچى: تاھىرجان تۇنياز

                     2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى

【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار رxx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (2) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top