欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(肉孜某某非法经营案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                   

               ئۈ ت ت 3-ب ج ئە202013–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ر**، ئەر، **19-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ** ناھىيسىدە  تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:  ******652423196806، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئامانلىق ساقلىغۇچى، نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى ** شەھەر ** رايونى ** كوچىسى **-نومۇر 4-بىنا 2-كورپۇس 201-نومۇر، ** شەھەر ** رايونى ** يولى **-قورو 1-بىنا 1301-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەتكە ئېلىنغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ر** قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى  ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق.  جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ جەرياندا پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن دېلونى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق (2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى)، دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئىككى قېتىم ئۇزارتتۇق (2020-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى). 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2013-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 9-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار ر** ئۆزىدە تاشقى پىرۋوت تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىش سالاھىيتى ھازىرلانمىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ تۇرۇپ، شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** مىھمانخانىسى ئەتراپىدا تاشقى پېرىۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دوللار ساتقان خەلىق پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن بانكا كارتىللىرى ئارقىلىق ھىسابات قىلغان. جاۋابكارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2015–يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ر** 535644 (بەش يۈز ئوتتۇز بەش مىڭ ئالتە يۈز قىرىق تۆت) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئەمەتجانغا 7 قېتىمدا خەلق پۇلى 3320730 (ئۈچ مىليۇن ئۈچ يۈز يىگىرمە مىڭ يەتتە يۈز ئوتتۇز) يۈەنگە ساتقان. ئە** دوللارنىڭ پۇلىنى يۆ** نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 7 قېتىمدا جاۋابكار ر** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. 

2. 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2015–يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ر** 3910865 (ئۈچ مىليۇن توققۇز يۈز ئون مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش بەش) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئە**، سى**لەرگە 61 قېتىمدا خەلق پۇلى 24184685 (يىگىرمە تۆت مىليۇن بىر يۈز سەكسەن تۆت مىڭ ئالتە يۈز سەكسەن بەش) يۈەنگە ساتقان. دوللارنىڭ پۇلىنى سى** ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 61 قېتىمدا جاۋابكار ر** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. 

3. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 2015–يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ، جاۋابكار ر** 140126 (بىر يۈز قىرىق مىڭ بىر يۈز يىگىرمە ئالتە) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئا**گە 2 قېتىمدا خەلق پۇلى 869683 (سەككىز يۈز ئاتمىش توققۇز مىڭ ئالتە يۈز سەكسەن ئۈچ ) يۈەنگە ساتقان. دوللارنىڭ پۇلىنى ئا** ئۆزىنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 2 قېتىمدا جاۋابكار ر**نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن.

4. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2015–يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، جاۋابكار ر** 377419 (ئۈچ يۈز يەتمىش يەتتە مىڭ تۆت يۈز ئون توققۇز) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى ئە**غا 11 قېتىمدا خەلق پۇلى 2370407 (ئىككى مىليۇن ئۈچ يۈز يەتمىش مىڭ تۆت يۈز يەتتە) يۈەنگە ساتقان. ئە** دوللارنىڭ پۇلىنى ھە** نامىدىكى بانكا كارتىسى ئارقىلىق 11 قېتىمدا جاۋابكار ر** نامىدىكى بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرگەن. 

دىمەك جاۋابكار ر** 81 قېتىمدا  4964054  (تۆت مىليۇن توققۇز يۈز ئاتمىش تۆت مىڭ ئەللىك تۆت) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلى  30745505 (ئوتتۇز مىليۇن يەتتە يۈز قىرىق بەش مىڭ بەش يۈز بەش)  يۈەنگە ساتقان. 

جاۋابكار ر**  2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق تۇتۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ر**نىڭ  سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا ئىشلەتكەن بانكا ھېساباتىنىڭ تەپسىلى كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ھىسابات خاتىرسىنى تونۇتۇش ئىسپاتى، ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلاش باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار؛

2. گۇۋاھچى ئە**، سى**، ئا**، يۆ**، ھە**قاتارلىقلاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار ر**نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛

5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار ؛

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ر**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ر**نىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت بىكىتكەن تاشقى پىرىۋوت ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكا، جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى ياكى ئۇنىڭ تارماق مەركىزى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازار تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ر** ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: سانىيە ھامۇت  

   تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى

2020–يىلى 4–ئاينىڭ 24–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ر** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە، ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: ******13999؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 6 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشنامىسى (ئەسلى نۇسخىسى)، جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن 1 نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top