شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۇلۇم ئەيىبلەش چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق
جاۋابكار كXX،ئەر، ئۇيغۇر،- XXيىلى- XX ئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛059XXXXXXX65292420 ، ئالىي تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئوقۇغۇچى،ماسسا، شايار ناھىيە XX كوچىسى XX-نۇمۇر قۇشۇمچە XX-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019 -يىلىXX-ئاينىڭ -XX كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن،2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن .ھازىر ئائىلسدە كېپىلدە.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار كXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ -2020يىلى -9ئاينىڭ29 -كۈنى شايار ج خ چىقىش -XX(2019) نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار كXX ،-2019يىلى- 2ئاينىڭ- 5كۇنى شايار ناھىيەXX بازىرىXX خەلىق يۇلى XX ئەتىرتىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ قارشى تەرپىدىكىXX يۇلىدا ،ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ،شايار ناھىيە بازىرى XX ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ھXXنىڭ 新ND5XXX نۇمۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسنى ھەيدەپ ،بېيجىڭ ۋاقتى 05:30 لار ئەتراپىدا شايار ناھىيە بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يۇلىغا كىرىپ،ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا شۇ ئورۇنغا توختىتىپ قويغان 新NTXXX نۇمۇرلۇق شەھەر ئىچى تاكسى ماشىنسىنى سۇقىۋەتىكەندىن كىيىن، شايار ناھىيە بازىرىXX يۇلىغا چىقىپ، شىمالدىن -جەنۇب يولىنىشتە كىتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلغان .باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار كXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 166 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار كXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددا -1مەزمۇن -1تارمىقىنىڭ -(2)تارماقچىسى، -67ماددا -3تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ -15، -176، -222ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار كەۋسەر مەمەتئىمىننىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار كXXغا 4 ئاي 10 كۇن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8600 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
XXXX
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (50بەت) بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار كېىپىلدە،
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论