欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(纳某某交通肇事案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

كت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش﹝2020﹞987- نومۇرلۇق

        كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار نx،ئەر،ئۇيغۇر،1968-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 6529231968********،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان،يۇرتى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن، نوپۇس تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيە **** يىزا **** كەنت **-گوروپ **-نومۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان.

قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،2020-يىلى 10-ئاينىڭ12-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .

مەھكىمىمىز ، كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕444- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار نxنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى10- ئاينىڭ 12-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە 2020-يىلى10- ئاينىڭ 13- كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. 2020-يىلى10- ئاينىڭ 13-كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلودىكى بارلىق ماترىياللارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق . جاۋابكار نx مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قوشۇلدى .  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان جىنايەت پاكىتى : نx 2020- يىلى7 – ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت23:08لار ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ نومۇر تاختىسىسز ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى كۇچا شەھىرى ** يېزا ** كەنىت 4-گوروپپا تەۋەلىكىدىكى قارماي يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ كىتىۋېتىپ ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلگەندە پىيادە كىتىۋاتقان موسا قاسىم بىلەن سوقۇلۇپ كىتىپ،مxنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىدك يول قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

كۇچا ناھيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 21-كۈنى چىقارغان (2020)1118-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا جاۋابكار نx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يول قاتناش بېخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ8-ماددا(ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تىزىملاش چارىسىنى يولغا قويىدۇ. ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى تىزىملىغاندىن كىيىن يولغا ھەيدەپ چىقىشقا بولىدۇ.تىزىملاتمىغان قاتناش ۋاستىسىنى يولغا ۋاقىتلىق ھەيدەپ چىقىشقا توغرا كەلسە،ۋاقىتلىق نومۇر ئىسپاتى ئېلىش كېرەك)غا، 19-ماددا1-تارماق(ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشتە ،قانۇن بويىچە ھەيدەش كېنىشكىسى ئېلىش كېرەك.)غا ،42 -ماددا1- تارماق(ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولغا ھەيدەپ چىقىشتا ئەڭ تىز سائەتلىك سۈرئىتىنى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن يۇقىرى چەكتىن ئاشۇرۋېتىشكە بولمايدۇ.سۈرئەت چەكلەش بەلگىسى يوق يول بۆلەكلىرىدە بېخەتەر سۈرئەتتە يۈرۈش كېرەك.) غا خىلاپلىق قىلغان.

موسا قاسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بېخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قۇيۇش چارىسىنىڭ 26-ماددا(قاتناش ۋاستىسى ۋە پىيادىلەر ئۆز يولىدا مېڭىشى كېرەك.ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولى،ماتورسىز قاتناش ۋاستىسى يۇلى ۋە پىيادىلەريولى ئايرىلمىغان يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يولىنىڭ ئوتتۇرسىدا مېڭىشى كىرەك . يولنىڭ كەڭلىگى 7 مىتىردىن ئارتۇق بولسا ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى گىرۋەك سىزىقىتىن (يول ياقىسى بۇنىڭ سىرتىدا )باشلاپ ، پىيادىلەر 1 مىتىر دائىرسىدە ، ۋەلسىپىت ، پىيادىلەر ماتورلۇق ھارۋىسى، توك ۋەلسىپىت 1.5 مىتىر دائىرىدە، ئۈچ چاقلىق ۋەلسىپىت ۋە قول ھارۋىسى 2.2 مىتىر دائىرسىدە، ئۇلاغ ھارۋىسى 2.6 دائىرسىدە مېڭىشى كىرەك . يولنىڭ كەڭلىگى 7 مىتىرغا يەتمىسە، ماتورسىز قاتناش ۋاستىللىرى ئوڭ تەرەپتە ، پىيادىلەر يولنىڭ چىتىدە مېڭىشى كىرەك)غا خىلاپلىق قىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قۇيۇش نىزامى» نىڭ91- ماددا ۋە «يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلىمىسى» نىڭ60- ماددا2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكار نx يۇقارقى ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ . م

 يۇقۇرقى ھادىسىدىكى قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.

ھادىسە سادىر بولغاندىن كىيىن مX ئائىلىسىدىكىلەر ،جاۋابكار نxتىن ھىچقانداق تۆلەم تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ۋە نxنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە :

 1.يازما ئىسپات: دېلو پاش بولۇش جەريانى، كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش باشقۇرۇش مەمۇرى مەجبۇرلاش تەدبىرى دوكمىنتى، قاتناش ۋاستىللىرىنى قايتۇرۇش ئىسپاتى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش تىزىملاش جەدۋېلى، جاۋابكار نxنىڭ دائىمى تۇرۇشلۇق نوپۇس ئۇچۇر جەدۋېلى، جاۋابكار نxنىڭ خاتىرىسى ،ھادىسىدە ئۆلۈگۈچى موسا قاسىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ، جاۋابكار نxنى ئەپۇ قىلغانلىق ۋە تۆلەم تەلەپ قىلمايدىغانلىق توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئىمزالىق ئەپۇنامىسى ؛ 2. جاۋابكار نxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛4. شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى  ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى چىقارغان ئەدلىيىلىك باھالاش پىكرى ۋە ئۇقتۇرۇشنامىسى ، قانۇن دوختۇرلۇق جەسەت پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى ۋە ئۇقتۇرۇشنامىسى؛ 5.نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇن تەرتىپكە ئۇيغۇن،مەزمۇنى ئوبىكتىپ راست بولۇپ دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ .جاۋابكار  نx شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېتراپ قىلىدۇ ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ . 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ ،جاۋابكار نx «جۇڭخۇا خەھلق جۇمھۇرىيىتى يول-قاتناش بېخەتەرلىك قانۇنى» بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ ، پىراۋىسىز ، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان . جاۋابكار نxنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ . جىنايەت پاكىتى ئوچۇق، دەلىل- ئىسپاتلار راست ۋە تولۇق بولۇپ جاۋابكار نxنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىگىشلىك . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ھېبىبۇللا ھەمدۇل جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ ،كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن!  

 تەپتىش : ئەيسا ھادى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار نx تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن بولۇپ، كۇچا ناھىيە بىشباغ يېزا گېدەكۆل كەنت 4-گوروپ 41-نومۇرلۇق قورودا،ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى: 13040464103،18094953616  .

           2) دېلو ماترىياللىرى ۋە دەلىل ئىسپاتلار بىر توپلام.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top