ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت ج ئە چىقىش (2019) 372–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مى** (باشقا ئىسمى مى**)، ئايال، ئۇيغۇر، 1985-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271985، مەخسۇس كۇرس مەلۇماتلىق، ** شەھىرى ** رايۇنى ** مەھەللە كومىتىتىنىڭ خىزمەتچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى **–بىنا **–كورپۇس **-ئۆي، دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى** ئولتۇراق رايونى **–بىنا **-ئۆي. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مى**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 4–ئاينىڭ 4-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا دېلونى ئىككى قېتىم تەھقىقىلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقىلىشىگە قايتۇردۇق، دېلونىڭ تەكشۈرۈش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئۈچ قېتىم ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2015-يىلىنىڭ بېشىدىن 2019-يىلى **-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتىتى ** ئاھالىلار كومىتىتى ۋە ** ئاھالىلەر كومىتىتىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، باشقىلارغا فاڭسەنكېنىڭ ئەرزان باھالىق ئۆيى ۋە دۇكىنىنى ھەل قىلىپ بىرەلەيمەن دەپ يالغان ئېيتىپ، باشقىلارغا ئۆي كىنىشكىسى ۋە يەر كىنىشكىسى تاپشۇرىۋېلىش تالۇنى قاتارلىق ساختا ئىسپات ماتىرىياللارنى تەمىنلەپ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ، كۆپ كىشىنىڭ پەۋقۇلاددە زور سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، جاۋابكارنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان كونكىرىت جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. 2015–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ۋە 2015–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى **ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ 2–قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ب**غا ئىككى يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ب**نىڭ جەمئى 125 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
2. 2015-يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ 2–قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن گ** ئارقىلىق ئا**نىڭ جەمئى 67 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
3. 2015-يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ 2–قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى م**قا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن م**نىڭ جەمئى 67 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
4. 2015-يىلى **-ئايدىن 2016-يىلى **-ئايغىچە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** سودا سارىيى، ** ئاھالىلەر كومىتىتى قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئۈچ قېتىمدا ر**نىڭ جەمئى 120 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
5. 2015-يىلى **-ئايدىن 2018-يىلى **-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** ئاھالىلەر كومىتىتى، ** بازار قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ن**نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا فاڭسەنكېنىڭ ئەرزان باھالىق ئۆيى ۋە دۇكىنىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي ۋە دۇكان پۇلى ئۈچۈن كۆپ قېتىمدا ن**نىڭ جەمئى 502 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، دېلو پاش بولۇشتىن ئاۋال، بۇ پۇلدىن 100 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن.
6. 2016-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، جاۋابكار م** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** بازاردىكى جۇڭگو بانكىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مى**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، بانكا كارتىسىدىن پۇل يۆتكەش ئارقىلىق، م**نىڭ جەمئى 30 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
7. 2017–يىلى **–ئايدا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومىتىتى ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ز**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ز**نىڭ 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
8. 2017–يىلى **–ئايدا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ن**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ن**نىڭ جەمئى 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
9. 2017–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ** رايونى ** يولى ** سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ج**كە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلىنى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ج**نىڭ 40 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
10. 2017–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولىدىكى ‹**›ئاشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ز**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ز**نىڭ 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
11. 2017–يىلى **–ئاينىڭ **-كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** كوچىسى ** دوختۇرخانسى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىنىڭ ئالدىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن مە**نىڭ 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
12. 2017-يىلى **–ئايدىن 2018–يىلى **-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ** رايونى ** يولى **ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ 2–قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ز**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ز**نىڭ جەمئى 35 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
13. 2018-يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ 2–قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئە**نىڭ 50 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
14. 2018-يىلى **–ئايدىن **–ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** تىياتىرخانسى قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گ**گە ئىككى يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۈندىدار ئارقىلىق يەتتە قېتىمدا گ**نىڭ جەمئى 80 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
15. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە**قا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئە**نىڭ 50 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
16. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنىدىن **-ئاينىڭ **-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ن** ۋە ئاكىسى ئا**غا ئىككى يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۈچ قېتىمدا ن**نىڭ جەمئى 130 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، دېلو پاش بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ پۇلدىن 80 مىڭ يۈەننى ن**گە قايتۇرۇپ بەرگەن، قالغان 50 مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
17. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–، **-كۈنلىرى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** بازار ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇ**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا نۇ**نىڭ جەمئى 80 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
18. 2018–يىلى 5–ئاينىڭ 22–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئەترىتىنىڭ ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئالدىن تاپشۇرىدىغان ئۆي پۇلى ئۈچۈن مە**نىڭ جەمئى 10 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
19. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **-كۈنى ۋە **-ئاينىڭ **-كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** بانكىسى ۋە ** بازار قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇ**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيى ۋە بىر دۇكان ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا ئۇ**نىڭ جەمئى 50 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
20. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** رايونى ** بازار ئەتراپىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئە**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئە**نىڭ 80 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
21. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنىدىن 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنىگىچە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومتىتى، ** يولى ** مىھمانخانىسى قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ**كە ئىككى يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى بىجىرىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن تۆت قېتىمدا تۇ**نىڭ جەمئى 125 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
22. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ب**كە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆينى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ب**نىڭ 60 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
23. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ر**قا ئىككى يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ دۇكىنىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، دۇكان پۇلى ئۈچۈن ر**نىڭ 100 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
24. 2018-يىلى **-ئايدا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** بازاردىكى ** بانكىسى قاتارلىق جايلاردا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈ**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئەرزان باھالىق ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا گۈ**نىڭ جەمئى 100 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
25. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئەتراپىدا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جې**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن جې**نىڭ 80 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
26. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنلىرى ئەتراپىدا، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاھالىلەر كومتىتىنىڭ ئىچىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيى بىلەن بىر يۈرۈش دۇكان ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي ۋە دۇكان پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا تۇ**نىڭ جەمئى 130 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
27. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **-كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مە**قا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن مە**نىڭ 70 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
28. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن ئا**نىڭ 80 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
29. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** ئاشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى نۇ**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن نۇ**نىڭ 80 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
30. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى ** سودا سارىيىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيىنى ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي پۇلى ئۈچۈن تۇ**نىڭ جەمئى 50 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
31. 2018–يىلى **–ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاۋابكار مى** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ش**غا فاڭسەنكېنىڭ باشقىلار ئالمايدىغان بولۇپ قايتۇرىۋەتكەن ئەرزان باھالىق ئۆيلىرىنى ھەل قىلىپ بىرەلەيمەن دەپ ئالداپ، شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ئەتراپىدا، تۆت يۈرۈش ئۆي ئۈچۈن ئۈچ قېتىمدا ش**نىڭ جەمئى 320 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
32. 2018–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنىدىن 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنىگىچە، جاۋابكار مى** شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** يولى تىللا ئاشخانىسىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غە**گە بىر يۈرۈش فاڭسەنكېنىڭ ئۆيى بىلەن بىر يۈرۈش دۇكان ھەل قىلىپ بىرىمەن دەپ، ئۆي ۋە دۇكان پۇلى ئۈچۈن ئىككى قېتىمدا غە**نىڭ جەمئى 140 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار مى** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى غە**تىن ئالداپ ئالغان بۇ 140 مىڭ يۈەن نەق پۇل قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان.
دىمەك، جاۋابكار مى** باشقىلارغا ئەرزان باھالىق ئۆي ۋە دۇكان ھەل قىلىپ بىرەلەيمەن دەپ، 32 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جەمئى 2791000.00 يۈەن(2 مىليۇن 791 مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولۇپ، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن بۇ پۇلدىن 140 مىڭ يۈەن نەق پۇل قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مى**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش(دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن پۇل ئالغاندا يېزىپ بەرگەن ھۆججەت، بانكا پۇل ئاغدۇرۇش ئىسپاتى، ئۈندىدار پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى، جاۋابكار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەمىنلەپ بەرگەن ئۆي كىنىشكىسى ۋە يەر كىنىشكىسى تاپشۇرىۋېلىش تالۇنى قاتارلىق ساختا ئىسپات ماتىرىياللار، جاۋابكارنىڭ نامىدىكى بانكا كارتىلىرىنىڭ كىرىم چىقىم خاتىرىسى قاتارلىقلار؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: با** قاتارلىق 32 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: ر**، گۈ** قاتارلىق 12 نەپەر گۇۋاھچىدىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى ؛
4. جاۋابكار مى**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: ئاختۇرۇش خاتىرىسى، تۇتۇپ قېلىنغان بويۇملار تىزىملىكى، جاۋابكار مى**نىڭ خىزمەت ئورنى تەمىنلىگەن خىزمەت ئىسپاتى قاتارلىقلار؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مى**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئەرزان باھالىق ئۆي ۋە دۇكان ھەل قىلىپ بىرەلەيمەن دەپ باشقىلارنى ئالداپ، شەخسلەرنىڭ پەۋقۇلاددە زور سوممىدىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2019–يىلى 10–ئاينىڭ 11–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار مى** ھازىر ** شەھەرلىك **-قاماقخانىدا قاماقلىق.
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە 8 توپلام دىلو ماتىرىيالى بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسىدىن ئىككى نۇسخا بىرگە يوللاندى.
4. جاۋابكاردىن تۇتۇپ قېلىنغان دېلوغا چېتىشلىق 140 مىڭ يۈەن پۇلنىڭ بىر دانە بانكا پۇل چېكى دېلو بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论