ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞157–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مى**، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى **شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:******** 6501021990، ساۋاتسىز، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: **شەھىرى **رايۇنى**-كوچىسى **-نۇمۇر قوشۇمچە **-نۇمۇر. ئوغرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مەمۇرى جەھەتتىن 5 كۈن توختىتىش جازاسى، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى مەمۇرى جەھەتتىن 10 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ، بىر تەرەپ قىلىنغۇچى كېپىلگە بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقىلىغان. شۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مى**نىڭ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 19-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ئارىلىقتا دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە 15 كۈن ئۇزارتتۇق(2020-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە).
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مى** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ساۋ **نىڭ **شەھىرى **رايونى **يۇلىدىكى «**» ئۆردەك بۇيۇن سېتىش دۇكىنىنىڭ ئىشىك قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئىچىپ دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكاننىڭ پۇل يىغىش پۇكىيىدىن 500.00 يۈەن نەق پۇلنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر بىيجىڭ ۋاقتى 6:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مى** زىياكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ **نىڭ **شەھىرى **رايونى چىي** يۇلىدىكى «**» تاللا بازىرىنىڭ ئىشىك قۇلۇپىنى بۇزۇپ ئېچىپ كىرىپ، دۇكان ئىچىدىكى پۇل يىغىش تارتمىسىدىن 1265.00 يۈەن نەق پۇل ۋە ئومۇمى قىممىتى 367.00 يۈەن بولغان بىر پوتۇلكا خوڭشىن ئارگوتۇ ھارىقى، بىر قاپ شۆلىيەن ماركىلىق تاماكا، ئالتە قاتتىق قاپلىق جۇڭخۇا ماركىلىق تاماكا، ئىككى قاپ يۈشى ماركىلىق تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئوغۇرلىغان نەرسىلەرنى سېتىپ، نەق پۇل بىلەن قوشۇپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
3.2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر بىيجىڭ ۋاقتى 1 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مى**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**ىڭ **شەھىرى **رايونى **كوچىسىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكاننىڭ ھىساۋات پوكىيىىنىڭ تارتمىسىدىن 700.00 يۈەن نەق پۇل، 300.00 يۈەن قىممىتىدىكى بىر قۇتا ئەتىر، 50 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە سىرىق رەڭلىك بىلەيزۇكنى، پۇكەيدىكى سومكا ئىچىدىن 200 يۈەن نەق پۇلنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن 300.00 يۈەن قىممىتىدىكى بىر قۇتا ئەتىر بىلەن 50 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە سىرىق رەڭلىك بىلەيزۈك ۋە 217.60 يۈەن نەق پۇل قايتۇرۇپ قايتۇرۇپ كىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
4. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مى**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا** باشقۇرىشىدىكى **شەھىرى **رايونى **يۇلى ** گۈللىكى يېنىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ كىرىپ، ئۈستەل تارتمىسى ئىچىدىن 70 يۈەن نەق پۇلنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 4 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار مى** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مو**نىڭ **شەھىرى **رايونى **مىھمانخانىسىنىڭ ئاستىدىكى كائىنات ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى بۇزۇپ ئېچىپ كىرىپ، دۇكاندىكى ھىساۋات پوكىيىنىڭ تارتمىسىدىكى 400.00 يۈەن نەق پۇل بىلەن 50 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۆك رەڭلىك چاپاننى ئوغرىلاپ ئېلىپ چىقىپ كىتىۋاتقاندا، شۇ ئەتراپنى چارلاۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار ئوغۇرلىغان 400.00 يۈەن نەق پۇل بىلەن 50 يۈەن قىممىتىدىكى كۆك رەڭلىك چاپان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
دىمەك، جاۋابكار مى** 5 قېتىمدا باشقىلارنىڭ جەمئى 3902.00 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە مېلىنى ئوغۇرلىغان بولۇپ، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن 1017.6 يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مى**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش(دېلوغا كىلىش) جەريانى ئىسپاتى، ماددى ئىسپات سۆرىتى قاتارلىقلار؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: ساۋ** قاتارلىق بەش نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار مى**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنىڭ قىممىتىنى باھالاش يەكۈنى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلو يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداننى تونۇتۇش سۆرەتلىرى، دېلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تىزىملىكى قاتارلىقلار؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقى، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار مى**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مى**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى پۇل ۋە مېلىنى يوشۇرۇن ئوغۇرلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۆسەنجان
2020–يىلى 9–ئاينىڭ 3–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار مى** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى 3 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论