شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 2-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020)87- نومۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مXX ، ئايال، ئۇيغۇر، 28 ياش،كىملىك نۇمۇرى: 65290XXXXXXXX، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە ،يۇرتى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئXX-گۇرۇپ 27-نۇمۇردا ئولتۇرشلۇق، تېز تاماقخانا كۈتكۈچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۇنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى (2020) 499-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مېXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت23:30 لەر ئەتراپىدا ، ئاقسۇ شەھىرى يۈXX ئولتۇراق رايونى X-بىنا X-كورپۇس XX-نومۇرلۇق ياتاق ئۆيدە زىيانلانغۇچى نXXنىڭ بىر جۈپ ئۈزۈك بىلەن بىر تال زەنجىرنى كۆرۈپ، بۇ ئالتۇنلارنىڭ ئوغرىلاش مەقسەت قىلىپ ، سائەت 01:00 بىلەن زىيانلانغۇچى نXX ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، جاۋابكار مXX زىيانلانغۇچى نۇXXنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ، ئۇنىڭ 2871 يۈەن قىممىتىدىكى بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈكىنى ۋە بىر تال ئالتۇن زەنجىرنى ئوغرىلاپ ئونسۇ ناھىيىسىگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى ئىمزالىدى. بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكارغا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :تXX
تەپتىش : ئاXX
2020- يىلى 6- ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论