欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(米某某毒品案)

2021-09-24 尘埃 评论0

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبنامىسى 

                            توقسۇن تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2014 ) 55-نومۇرلۇق

توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار م ** ، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان *، كىملىك نومۇرى:4533 ********650102، مەدىنيەت سەۋىيىسى:باشلانغۇچ ، نوپوسى تۇرۇشلۇق جايى: ئۈرۈمچى، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى: ** شەھەر ** رايۇنى **  يولى غەربىي *-كوچا **-نۇمۇر **-بىنا *-كورپۇس ***-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان.  

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 18–كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2014-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى توقسۇن مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، ھازىر توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.  

 توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار م** نىڭ زەھەرنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان،مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ ، بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق ھازىر  دېلونى ئاخىرلاشتۇردۇق . 

مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىكىتكەن جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

 جاۋاپكار  م ** 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتە ** ناھىيىسىدىن بىرىنىڭ ئۆزىدىن زەھەرلىك چىكىملىك (خىروئىن) سېتىۋالماقچى بولغانلىق توغرىسىدىكى تېلفۇننى قۇبۇل قىلىپ  **** 新 AT نۇمۇرلۇق تاكسىي ماشىنىنى كىرا قىلىپ ، ئۆزى چىكىپ ئېشىپ قالغان 99.34 گىرام ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك چىكىملىك خىروئىننى ئىككى سولياۋ بولاق قىلىپ ئوراپ ** ناھىيىسىگە ئېلىپ كەلگەن ، ھەم ** يېزىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى يۇقۇرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىدىغان ** دا تۇرغاندا  خىروئىن بىلەن بىللە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشكەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

 1.ماددىي ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى ؛جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاشنامە، نەق مەيداننى تۇنۇتۇش، تەكشۈرۈش، خاتىرىسى، ئۈن-سېن ماتىريالى قاتارلىقلار تۇلۇق. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار م** نىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بۇيۇمنى ئېلىپ قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق ، جاۋابكارنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 348- بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازلاشقا تېگىشلىك ،شۇڭا جاۋابكار م** نى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 172-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق ،  قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :   

                         تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن

2014  -يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 

قوشۇمچە :1.جاۋاپكار م **   توقسۇن ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق؛

2.دېلو   ج خ توپلىمى 2توپلام ، تەپتىش توپلىمى 1 توپلام بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top