欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(米某某危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检一部刑诉〔2020〕356号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                  ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) 356 -نۇمۇرلۇق

 جاۋاپكار م xx، ئەر ، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221991، ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يەككە تىجارەتچى،  شىنجاڭ xx  ناھىيە xx بازارى xx تار كوچىسى xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، جاۋاپكار م xx  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۇنى جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۇنى فۇجىيەن  ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى جاڭ لې ناھىيلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنى فۇجىيەن  ئۆلكىسى يوڭئەن شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن. 

 ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، م xxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى  ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

         قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋاپكار م xx 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۇنى ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن سەھەر سائەت 3 دىن  10 مىنۇتلار ئەتراپىدا پىراۋىسىز  ئۆزنىڭxxx  Gxx 闽 نومۇرلۇق  ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىغا بىرگە ھاراق ئىچكەن بىxxنى چىقىرى ھەيدەپ ،ئونسۇ ناھىيە قاتناش يولى لوڭمەي شۇيۈەن ئولتۇراق رايونى ئالدى يول بۆلكىدە كىتىۋاتقاندا بازارلىق ساقچىخانا لوڭمەي شۇيۈەن ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. 

ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ  قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋاپكار م xxنىڭ  قان تەركىبىدە                   ml100mg/90.76 ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان.

     يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

 يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

 مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار م xxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكار م xxنىڭ  جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكار م xxنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

       ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                                   تەپتىش: نىجات ئەسقەر

                                   پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت

                               2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى  تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى. 

(2) جاۋابكار م xx  ھازىرئائىلىسىدە

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top