شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1- بۈلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2019)59 -نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار مX، ئەر، ئويغۇر، 1980-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى **********6529231980، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، كۇچا ناھىيسىدىن، ھازىرقى ئولتۇرغى ۋە نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادېرىسى: كۇچا ناھىيە ***** يېزا ****كەنىت **-گوروپپا ***-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.
قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن2019 -يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلىپ،2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 058-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار مXنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋاپكار مX 2019-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى 20:50 ئەتراپىدا، ئۆزىنىڭ新N******– نۇمۇرلۇق (قاتناش تورىدىن تەكشۈرگەندە ئۇچۇرى چىقمىغان) ئىككى چاقلىق موتىسىكىلىتىغا زىيانلانغۇچى يىمىت نىيازنى چىقىرىپ، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ****يېزا بازىرى تەۋەسىدە ھەيدەپ مېڭىپ، كۇچاناھىيە ****-لىنىيەدە **** يۆلىنشتە 48كىلومېتىر + 800 مېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە قارشى يۆلىنىشتە كېلىۋاتقان ئاX ھەيدىگەن 新N*****- نۇمۇرلۇق كىچىك ماشىننا بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن، نەتىجىدە يىXنىڭ يارلىنىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىشى،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك يول قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، مXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg105 دەپ باھالاپ بېكىتكەن .
كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ھادىسە ئىتراپنامىسىدە، مX يۇقارقى ھادىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ،ئاX يۇقارقى ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يىXغا ھادىسىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ- تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار مXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار مXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بويىچە, جىنايەت بېكىتىپ، جازا ئۆلچەپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت
راخمان نىياز
2020- يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار مX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى قوللىنىش تەكلىپنامىسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
3. قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ ھەق-تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论