欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(穆某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕XX号 

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ    ئەيىبنامىسى

ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) XX -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى XX-ئاينىڭX –كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XXXX، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، X بازار X-كەنىت X-مەھەللە X-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، رىمىنۇتچى، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن  3ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن .

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار مX 2019-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 00:30 ئەتراپىدا ئەX، تX، ئىX قاتارلىقلار بىلەن X بازىرى X-كەنىتX-مەھەللىدىكى سXنىڭ دۇكىنىدا ئاق ھاراق ئىىچپ، سائەت 12:30 ئەتراپىدا تX ئىگىدارلىقىدىكى Xنۇمۇرلۇق ،بەش كىشلىك، ئائىلە ئاپتۇمۇبىلىغا تXنى  چىقىرىپ، مەس ھالدا، پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ X بازار X-كەنىت X-مەھەللە يول بۆلىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئورمان بەلۋىغىغا چۈشۈپ كەتكەن . 

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى مXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئالىكوگۇل مىقدارى 136.1مىللىگىرام دەپ  يەكۈن چىقارغان .  

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مۇXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 4 ئاي 20كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق

پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى

-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : XXXX

(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top