欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(穆危险驾驶案件)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 115-نومۇرلۇق

جاۋابكار موXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1550XXXXXX65292419، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋەىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار موXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 130-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار موXX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 21:30 لار ئەتىراپىدا، ئەXX بىلەن بىرگە شايار ناھىيە شايار بازىرى «ئالتۇنقۇم خەلقئارا شەھەرچىسى» ئولتۇراق رايۇنىنىڭ يېنىدىكى بىر ئارامگاھقا بېرىپ ھاراق ئىچىپ مەسىت بولغاندىن كىيىن، ئەتىسى (يەنى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى) سەھەر سائەت 0:30 لار ئەتىراپىدا ئارامگاھتىن چىقىپ، پىيادىلەر يۇلىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NXXXX نومۇرلۇق «مازىدا» ماركىلىق كۈلىرەڭ كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنىڭ ياردەمچى شوپۇر ئۇرۇندۇقىغا ئەXXتنى ئولتۇرغۇزۇپ، ماشىنىنى ئۆزى مەسىت ھالەتتە ھەيدەپ چوڭ يولغا چىقىپ شىمال تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، تۆت كوچا ئېغىزىدىن شەرىق تەرەپكە بۇرۇلۇپ «ئالتۇنقۇم خەلقئارا شەھەرچىسى» مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ توختاپ تۇرۇشىغا، ئارقىدىن چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار يىتىپ كىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكار موXXنىڭ ھاراق ئىچىپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىنى بايقىغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار موXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 161.41 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار موXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: XX

تەپتىش: XX

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (58 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top