欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(祖某某诈骗案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                            شايار ت ئە چىقىش (2019) 1984-نومۇرلۇق

جاۋابكار زxx، ئايال، ئۇيغۇر، 33 ياش، xx19 -يىلى x-ئاينىڭx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، تۇلۇق كۇرۇس مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا، شايار ناھىيە بازىرى xx ئولتۇراق رايۇنى x-بىنا x-كورپۇس xxنۇمۇردىن، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن جىنايى ئىشلار سۈپىتىدە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،2019 -يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قولغا ئېلىنغان. ھازىر شايار ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار زxxنىڭ ئالدامچىلىق دىلوسىنى(2019)314-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى ، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى . 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

جاۋاپكار زxx ئۈزىنىڭ كېپىللىكە ئەچىقىپ بىرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاxxنىڭ پۇلىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پەسكەشلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرلىۋاتقان قxxنى جازاسىنى سىرتتا ئىجرا قىلدۇرۇپ بىرىش نامى بىلەن  2015-يىل 6-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا ئۈچ قېتىمدا ئاxxنىڭ 45000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلدە 10000 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ  بەرگەن.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋاپكار زxxنىڭ ئالدامچىلىق دىلوسىغا دىلو ئېچىلغاندىن كىيىن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى جاۋاپكار زxxنىڭ ئاكىسى سxxنىڭ 35000 يۈەن پۇلنى تۆلەپ بىرىشى بىلەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار زxxنىڭ باشقىلارنىڭ جازاسىنى سىرتتا ئىجرا قىلدۇرۇپ بىرىش نامى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ئېگەللىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ.پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار زxxگە: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۈيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شۇڭا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق ، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top