欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(祖某某交通肇事案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 241- نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: زXX، ئايال، ئۇيغۇر، 19**- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2828******65210119، تۇرپان شەھەر ** رايونى ** يېزا ** كەنت 3- گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن كىپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار زXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2019- يىلى 2- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 18 دىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار زXX 新K**85Eنۇمۇرلۇق، «ۋۇلىڭ» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى بولكىۋاي ماشىنىنى ھەيدەپ، شەرىقتىن- غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** لىنىيە ** كلومېتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە شەرىقتىن- غەرىپكە قاراپ مېڭىپ سولغا ئايلانغان، ئاXX ھەيدىگەن 新电KG**70 نومۇرلۇق، « گۇاڭ شۇۋ » ماركىلىق، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلغان، نەتىجىدە ھادىسىدە ئاXX قازالاپ، قاتناش ۋاستىلىرى زىيانغا ئۇچراشتەك چوڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلغان.

جاۋابكار زXX ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، توكسىكىلىت ھەيدىگۈچى ئاXX ھادىسىنىڭ قۇشۇمچە مەسئولىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار زXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار زXXنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ يول يۈرۈش جەريانىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدەك چوڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار زXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار زXXغا 1 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ جاۋاپكار زXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.

2.​ دېلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسمى ئاخىرلاشقان.

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top