乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕257号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) –نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار مەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بېڭتۈەنى xx-دېۋىزىيە xx بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىxx بازىرى xx-تۈەن xx يولى xx-كوچا xx-نومۇرلۇق ئۆي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى چارۋىچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان.
جاۋابكار تاxx، ئەر، قازاق، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى xx، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بېڭتۈەنى xx-دېۋىزىيە xx بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى xxبازىرى xx-تۈەن xx يولى xx-نومۇرلۇق ئۆي، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كەسپى شوپۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىققا قارار قىلىنغان. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلىگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار مەxx، تاxxلارنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدۇق، جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارلار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. ئارلىقتا دېلونىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ئەمەس دەپ قاراپ بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھىقىقلەشكە قايتۇردۇق، دېلو بىجىرىش سۈرۈكى 15 كۈن ئۇزارتىلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكا مەxx موخۇركا (تاماكا) تىجارىتى قىلىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش مەقسىتىدە 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى xx فامىللىك (سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس) خەنزۇدىن 4040 كىلوگىرام موخۇركىنى، ھەر كىلوگىرامىنى 22 يۈەندىن جەمئى 88000 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالىدىغانغا، پۇلىنى موخۇركىنى ساتقاندىن كىيىن بىرىدىغانغا، موخۇركىنى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ماشىنىغا بېسىپ ئەكىتىدىغانغا كېلىشكەن. ئاندىن ئۇچتۇرپانلىق نۇxx دىگەن ئادەم بىلەن تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ، يۇقارقى 4040 كىلوگىرام موخۇركىنىڭ ھەر كېلوگىرامىنى 25 يۈەندىن جەمئى 101000.00 يۈەنگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدىغانغا سودىلىشىپ، نۇxx ئالدىن-ئالا كارتىغا ئۇرۇپ بەرگەن 5000 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان. قالغان پۇلنى نۇxx موخۇركىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئالماقچى بولغان. ئەتىسى يەنى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى جاۋابكار مەxx جاۋابكار تاxxغا تىلفۇن قىلىپ «ئۇچتۇرپانغا ئاپىرىدىغان 4040 كىلوگىرام موخۇركا بارلىقىنى، ماشىنىسىغا بسېىپ غۇلجا ناھىيەسىدىن ئۇچتۇرپانغا ئاپىرىپ بېرىشنى، يولدا تەكشۈرۈشتە تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كىپەك تەييارلاپ موخۇركىنىڭ ئۈستىگە بېسىۋېلىشنى، كىراسى ئۈچۈن 8000 يۈەن پۇل بېرىدىغانلىقىنى» دىگەندە، جاۋابكار تاxx قۇشۇلغان ھەم يېنىدا كېپەك ئالىدىغان پۇل يوقلۇقىنى دىگەندە، جاۋابكار مەxx جاۋابكار تاxxغا كىپەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن 5000 يۈەن پۇل بىرىپ، بۇ پۇلغا 45 خالتا كېپەك تەييارلاپ قۇيۇشنى دىگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار تاxx جاۋابكار مەxxنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بويىچە شۇ كۈنى ئالدىن 45 خالتا كېپەك تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ xx نومۇرلۇق ماشىنىسىغا بېسىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسىغا بېرىپ،xx فامىللىك خەنزۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، شۇلارنىڭ ياردەملىشىپ بېسىپ بىرىشى بىلەن 4040 كىلوگىرام موخۇركىنى، ئۆزىنىڭ xx نومۇرلۇق ماشىنىسىنىڭ كۇزۇپىنىڭ ئاستىغا، 45 خالتا كېپەكنى موخۇركىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تەييارلىغاندىن كىيىن، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئۈزى يالغۇز موخۇركا بېسىلغان ماشىنسىنى ھەيدەپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە ئەكىلىپ، جاۋابكار مەxx تەمىنلىگەن تېلىفون نومۇر ئارقىلىق نۇxx دىگەن ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىپ كۈرۈشكەندىن، 4040 كىلوگىرام موخۇركىنى ئۇچتۇرپان بازىرى 2-كەنىت 1-مەھەللىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ قېشىدا نۇxxغا چۈشۈرۈپ بىرىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن نەق پاكىت بىلەن تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، ماددى ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەxx، تاxxلار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار مەxx، تاxxلارنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ تىجارەتنى قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قالايىمقانلاشتۇرغان قىلمىشىدىن قانۇنسىز تىجارەت قىلىش (بىرلىشىپ) جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225-ماددا، 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكارلاغا جىنايى جازا ئۆلىچىگەندە جاۋابكارلارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى، خەۋىپى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جازا بىرىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: مۇقەددەس تۇرسۇن
پۈتۈكچى: ئالىم ئىمامنىياز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئىزاھات: (1) 15 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار مەxx ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخاندا قاماقلىق. جاۋابكار تاxx ھازىر ئائىسلىدە كىپىلدە، تىلفۇن نۇمۇرىxx
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن ئىككى نۇسخا، 2 دانە پىلاستىنكا دېلو قۇشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论