欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玛某某诈骗案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 94- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار مx، ئايال،ئۇيغۇر، 1992-يىل**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501061992. ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، *** شەھەر ******زاۋۇتى****** ئىشچىسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، ھازىرقى ئولتۇرغى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: *** شەھەر **** رايۇنى***يولى ***-بىنا **-ئىشىك**-ئۆي ، ئىلگىرى جازالانمىغان.

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2019-يىلى 03-ئاينىڭ 28-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپەلەتچىگە بېرىلگەن،2020-يىلى4-ئاينىڭ14-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كاپالەتىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕71-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار مxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى 2020- يىلى4–ئاينىڭ 1-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

1. جاۋابكار مx 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى مxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ، ئۇنىڭغا كىيىم- كېچەك، سومكا قاتارلىق ماللارنى ئەرزان باھادا ساتىدىغانلىقىنى ئېيىتقاندىن كىيىن، مx، مxدىن ئاياللار كىيمى ۋە ئىككى دانە سومكا سېتۋېلىش ئۈچۈن ئۈندىداردا ئۇنىڭغا *** يۈەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەن، مx پۇلنى ئالغاندىن كىيىن، مxنىڭ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

2. جاۋابكار مx 2017-يىلى 1-ئاي مەزگىلىدە باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى شxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك سېتىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، شxنىڭ 2000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن، شىxنىڭ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

3. جاۋابكار مx 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،ئۆزى قۇرغان ئۈندىدار توپىدىن زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، بىردانە بالىلار ئۇيۇنچۇق ماشىىنىسىنى سېتىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئاxنىڭ 45 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن،ئاxنىڭ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ،پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

4. جاۋابكار مx 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى مxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا 3 دانە ئايالچە سومكا سېتىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، مxنىڭ 60 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن، مxنىڭ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

5. 2017-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى قx، ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، جاۋابكار مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ ئەرەنچە كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ، مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ، قxنىڭ 160 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن، قېxنىڭ ئۈندىدارنىئۆچۈرۋېتىپ پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

6. 2018-يىلى 10-ئاي مەزگىلىدە زىيانلانغۇچى ئوx، ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، جاۋابكار مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ، مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ، ئوxنىڭ 800 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋېتىپ، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

7. جاۋابكار مx 2018-يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشىۋالغان،ئاx ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ، كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ، ئاxنىڭ 350 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۈندىدارنى يۇيىۋەتكەن، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

8. 2019-يىل 2-ئاينىڭ 29-كۈنى زىيانلانغۇچى زx، ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، جاۋابكار مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ، مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ،زxنىڭ 160 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۈندىدارنى ئۆچۈرۋەتكەن،پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

9. 2019-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى تx، ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، جاۋابكار مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ، مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ،تxنىڭ 450 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۈندىدارنى ئۆچۈرۋەتكەن، پۇلنى ئۆزىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

10. جاۋابكار مx 2018-يىل 5-ئاينىڭ 19-كۈنى باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى ئاxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشىۋالغان،2018-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاx ئۈندىدارىنىڭ دوسلار چەمبىرىكىدە، مx باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە چىقارغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ، كىيىم-كېچەك سېتىۋالماقچى بۇلۇپ،مx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، مx كىيىم-كېچەك سېتىشنى باھانە قىلىپ، ئاxنىڭ 290 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەن، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

11. جاۋابكار مx 2018-يىل 2-ئاي باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى ئاxغا بىر دانە مامۇق چاپانى 300 يۈەنگە سېتىشنى باھانە قىلىپ، ئاxنىڭ 300يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلۋالغاندىن كىيىن ئۈندىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۋەتكەن، پۇلنى شەخسى تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يىغىنچاقلىغاندا، جاۋابكار مx ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،2017-يىلدىن 2019-يىلى2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ 11 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 4790 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، جاۋابكار مxنىڭ يۇقارقى قىلمشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار مxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار مx كاپالەتچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسدە كاپالەتچىدە .

2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى،ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top